تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە ئۈچ ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئۈچ كېسەللىك مىسالى بىڭتۇەن 9-شىسىدىكى كېسەللىك مىسالى ئىكەن.
2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 21نى دوكلات قىلغان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەككىزى، ئىلى ئوبلاستىدا بەشى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە بىرى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى بار ئىكەن. ھازىر ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن تۆتى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالى يوق ئىكەن.
نۆۋەتتە، 1151 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.