تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىردەممۇ ئارام ئالماسلىق، قىلچە بوشاشماسلىق، ئىزچىل ئالدىدا مېڭىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئاۋۋال باراي» دېگەن مېلودىيەنى ياڭراتتى، 80 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 1 مىليون 420 مىڭ ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ بىردەممۇ ئارام ئالماي، قىلچە بوشاشماي، ئىزچىل ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇش

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 6 دە، شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى (خەلق ئاۋىياتسىيەسى دوختۇرخانىسى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما يەن ئۇدا 12 سائەت داۋاملاشقان خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇردى. «بىز ئايروپورتقا كىرىشتىكى بىرىنچى ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەيمىز» دېدى ما يەن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشى، يولۇچى توشۇشنىڭ نورمال بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەربىر نۆۋەتچى ئايروپىلان يەرگە قونغاندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئايروپىلانغا چىقىپ يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈردى، ئەگەر يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، يولۇچىنى دەرھال بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يۆتكىدى.

ما يەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى كۆپەيدى، خىزمەت مىقدارىمۇ كۆپەيدى، 24 تېببىي خادىم ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىردەممۇ ئارام ئالماي ھەربىر ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىدى. «ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پارتىيە ئەزاسى، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئىزچىل بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، مۇداپىئەلىنىش كىيىمى كىيىپ، مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى تاقاپ ئايروپورتقا كىرگەن يولۇچىلارنى تەكشۈردى، ماسكىنى ئۇزاق تاقىسا قاڭشارنىڭ تېرىسى شەلۋەرەپ كېتەتتى، مۇشۇنداق بولسىمۇ كۆپچىلىك يەنىلا يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمىدى» دېدى ما يەن.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا، تېببىي خادىملار ئىزچىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 78 كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ICU دوختۇرى جاڭ جيەنفېڭ شۇلارنىڭ بىرى. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاغرىقلار رايونىغا كىرگەندىن باشلاپ، جاڭ جيەنفېڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىزچىل ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ بىر قېتىم ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۇدا 18 سائەت ئىشلىدى. ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىن چىققاندا، ھالىدىن كېتەي دەپ قالغانىدى.

بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئاغرىقلار رايونىدىكى تېببىي خادىملار ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنى ئالماشتۇرىدۇ. خادىملارنىڭ زىيادە كىرىپ - چىقىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، جاڭ جيەنفېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى كۆپىنچە ھالدا چوڭلار زاكىسىنى تاقاپ ئاغرىقلار رايونىغا كىرەتتى. ئاغرىقلار رايونىغا كىرىشتىن بۇرۇن تېببىي خادىملار تاماق يېيىشكە، سۇ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى، تېببىي مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى ھىم بولۇپ ھاۋا ئۆتۈشمەيتتى، تۆت سائەتتىلا پۈتۈن بەدەن ھۆل بولۇپ كېتەتتى، لېكىن جاڭ جيەنفېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى قىلچە ئاغرىنمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك».

«ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن پارتىيە ۋە دۆلەت يېتىشتۈرگەن تېببىي مۇتەخەسسىس، يۇقۇم ئالدىدا بىز ئىشلىمىسەك كىم ئىشلەيدۇ؟» دېدى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى غۇلجا ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى خەن ۋېنچاڭ قەتئىيلىك بىلەن.

خەن ۋېنچاڭنىڭ خوتۇنى ما كېخۇي غۇلجا ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك سېسترا يېتەكچىسى ئىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە بىردەممۇ ئارام ئالماي ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ما كېخۇي ئاساسلىقى تېببىي خادىملارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشكە مەسئۇل ئىدى، خەن ۋېنچاڭ ئىشخانىسىغا كارىۋات قويۇپ، كېچە - كۈندۈز كېسەلخانىلارنى چارلاپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈردى، كۆزەتتى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدى، قورسىقى ئاچسا تەييار چۆپ بىلەن قورساق تويغۇزدى. «پارتىيە ئەزالىرى ھەممە يەردە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك» دېدى خەن ۋېنچاڭ.

مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت تاموژنا تەكشۈرۈش 1 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى نائىل ھەبىبۇل ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىپ، شۇ كۈندىكى نۆۋەتچىلىكىنى باشلىدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا «چاغاندا مەن خىزمەت ئورنۇمدا بولىمەن» تەشەببۇسنى چىقاردى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت تاموژنىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال پارتىيە ئەزالىرى ئۈچ كىچىك شۆبە ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىپ - چىقىشىنى تەكشۈرۈش، مال تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى. نائىل پارتىيەگە كىرگىنىگە 20 نەچچە يىل بولغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرىنچى ۋاقىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى كىچىك شۆبە ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولدى.

«ھازىر بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يولۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان خىزمەت ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ، گەرچە خىزمەت مىقدارى زور، خەۋپ - خەتەر يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۆزىمىزگە ھەرگىز بوشاشماسلىق تەلىپىنى قويدۇق» دېدى نائىل.

بىرىنچى سەپنى چىڭ ساقلاۋاتقانلاردىن يەنە «شەرقىي چوڭ دەرۋازا»نى ساقلاۋاتقان پارتىيەلىك كادىرلارمۇ بار.

1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مۇخبىرلار قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئېچىۋېتىلگەن بەش تەكشۈرۈش ئېغىزىنىڭ ھەممىسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاپتوموبىللارغا يول باشلاۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئېۋىرغول رايونى شىڭشىڭشيا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جيا شىنمىڭ مۇنداق دېدى: شىڭشىڭشيا شىنجاڭنىڭ «شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاغان مەزگىلىدە زور مىقداردىكى ئاپتوموبىللار كىرىدۇ. «شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللار ۋە خادىملارنى قاتتىق تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، <ئادەم ئالماشسىمۇ ئاپتوموبىللار توختىماسلىق، ماددىي ئەشيالارنى جايىغا يەتكۈزۈش> ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ لىنىيەدىن شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنى 24 سائەت ئىسسىق سۇ، يېمەكلىك، يېقىلغۇ قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدۇق، يۇقۇم ئالدىدا بىز قىلچىمۇ بوشاشمىدۇق» دېدى جيا شىنمىڭ.

يۇقۇم ئالدىدا، فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچىسى فۇشىڭيۈەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۈ يىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «پارتىيە ئەزاسى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەردى.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەتىگەندىلا، شۈ يىڭ مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئۆيمۇئۆي كىرىپ يۇقۇم ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي خاتىرىلەش، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۆۋەتچى خادىملارنى ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كىرىپ - چىققان خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش، ئاممىۋى سورۇنلارغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىشقا تەشكىللىدى... چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن ھازىرغىچە، شۈ يىڭ ھەر كۈنى مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىللە مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا ئالدىراش يۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مەيدان يۇقۇم ئالدىدا ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماي، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار».

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش

بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئۇچۇرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش... ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا، قىزىل جىلىتكە كىيىۋالغان ما چاۋ ئالدىراش ئىدى، يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭ خوتۇنى سومكىسىدىن ساپاقلىق كەمپۈت چىقىرىپ، ئاپتوموبىلدىكى بالىلارغا بېرىۋاتاتتى.

ما چاۋ ئۈرۈمچى يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) باجياخۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لىيۈشەن جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدىن بولۇپ، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئىدى، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە، مەھەللە ئۈندىدار توپىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە تىزىملاتتى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يولۇچى تىرانسپورت ئۇچاستىكىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار بەس - بەستە جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، نۆۋەتچى پويىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى، ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئۇچاستىكا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئالدى بىلەن پويىز خىزمىتى تەجرىبىسىگە ئىگە 46 پارتىيەلىك كادىرنى تاللاپ، «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى» تەشكىللەپ پويىزغا چىقاردى، ئۇلار باشقا پويىز خادىملىرى بىلەن بىللە پويىزدا يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلدى.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 13تىن 5مىنۇت ئۆتكەندە، Z291 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز لەنجوۋ ۋوگزالىدا توختىدى، ئۈرۈمچى يولۇچى تىرانسپورت ئۇچاستىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇش - قوماندانلىق قىلىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سەي يىدې 8 - ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، پويىزغا چىقىدىغان يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. پويىز يولغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ۋاگون ئىچىنى دېزىنفېكسىيە قىلدى، يولۇچىلارغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتتى، يۈك - تاق بىخەتەرلىكىنى تەكشۈردى.

سەي يىدې 2 - تۈركۈمدە ئاتلانغان زەربىدار ئەترەت ئەزاسى ئىدى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگونىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم، بىز ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، جەزمەن يولۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنى يېڭەلەيمىز».

بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشى كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

«2 - تۈركۈمدىكى، ئەڭ ئاخىرقى تېببىي مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، سىز تاپشۇرۇۋېلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىڭ.» 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ تيەنسەي ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن لىجۇڭ ۋۇخەندىكى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى شياۋپىڭغا تېلېفون قىلدى.

ۋۇخەندىكى تېببىي مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ قىس بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، چېن لىجۇڭ 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كارخانا خىزمەتچىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، تېببىي مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ دوختۇرخانىغا ئىئانە قىلدى. 1 - تۈركۈمدە ئىئانە قىلىنغان 50 مىڭ ماسكا، 2000 يۈرۈش مۇداپىئەلىنىش كىيىمى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلدى ھەمدە 13 دوختۇرخانىغا تارقىتىپ بېرىلدى.

«بىز پارتىيە ئەزاسى، يۇقۇم ئالدىدا ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك، كارخانا جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشى كېرەك» دېدى چېن لىجۇڭ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي، پەرىزات ئابدۇل، خەن چىنيەن، لۇ فېڭباۋ، دۇ جيەنخۇي، گې يوۋجۈن، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شىڭ باۋيۈ، گاڭ لىچياڭ، سۈي دۇڭ، جاڭ چۈفېڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ