تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاممىنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

1 - ئاينىڭ 30-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى 1 - ئىيۇل جياڭيۇ زاۋۇتى ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە كۆكتاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاممىنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ يېقىندا، مۇخبىرلار ھەرقايسى جايلاردىكى سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى، مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى ھەم كۆكتات دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدا مال مەنبەسىنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، بازار تەمىناتىنىڭ پۇختا كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دوستلۇق جەنۇبىي يولىدىكى دوستلۇق تاللا بازىرىغا كەلدى. كىرىش ئېغىزىدا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى ماسكا تاقىغان ھەم تاللا بازىرىغا كىرگەن خېرىدارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا تاللا بازىرىغا كىرگەن - چىققاندا ماسكا تاقاشنى، مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتىۋاتاتتى. تاللا بازىرىدا، مال جازىلىرى لىق تولغان، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، يېڭى كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ تۈرى مول بولۇپ، تۈرلۈك قولاي يېمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۆش تۈرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك ئىدى.

شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خەن ۋېيخۇا مۇنداق دېدى: چاغاندىن بۇيان، دوستلۇق گۇرۇھى تاللا بازىرى شۆبە شىركىتى تەقسىملەش - يەتكۈزۈش مەركىزى ئىسمېنا قوشۇپ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئىشلەپ، ماللارنىڭ ھەرقايسى سېتىش مەيدانلىرىغا ۋاقتىدا تەقسىملىنىشى - يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، تاللا بازىرى مال زاكاز قىلىش، ۋاقتىدا بازارغا سېلىشقا تېزدىن تەشكىللەپ، ئاشلىق - ياغ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، قولاي يېمەكلىك، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى ھەم مال باھاسىنى قەتئىي ئۆستۈرمەسلىككە ۋەدە بەردى. نۆۋەتتە، دوستلۇق گۇرۇھىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى توققۇز شەھەردىكى 15 تۈرلۈك ماللار دۇكىنى، دوستلۇق تاللا بازىرى ھەم YO+ قولاي دۇكاندىن 60ىنىڭ ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلماقتا.

«دۇكىنىمدا تەخمىنەن 100 خىلدىن ئارتۇق كۆكتات، مېۋە - چېۋە ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك بار، مال مەنبەسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەن ھەر كۈنى ئىككى - ئۈچ قېتىم توپ سېتىش بازىرىغا بارىمەن.» 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ليۇداۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قاراماي شەرقىي مەھەللىسىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى 4 - نومۇرلۇق دۇكىنىنىڭ دۇكان ئىگىسى جاڭ لىچۈەن مۇنداق دېدى: دۇكىنىمىزدا ھەر كۈنى بىر توننا ئەتراپىدا ھۆكۈمەت زاپاس كۆكتىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز، باھانى مۇقىم ئارىلىقتا ساقلاۋاتىمىز، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مال مەنبەسى يېتەرلىك.

«چاغاندىن ئىلگىرى بىز نۇرغۇن زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ئىشلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، ھازىر بىز ھەر كۈنى 60 نەچچە خىل كۆكتات بىلەن تەمىنلەيمىز، مال مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۇەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى رىگۇاڭ مەھەللىسى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى شۈ چىڭخې. مۇخبىر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى مال جازىسىغا ياڭيۇ، چىڭسەي، موگۇ قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ لىق تىزىلغانلىقىنى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭمۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن رەتلىك قويۇلغانلىقىنى كۆردى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا ئىشلىرى تارماقلىرى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللىشىگە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۇرپان، شىخەنزە، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كۆكتات يۆتكەپ كېلىپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر غۇلجا شەھىرىدىكى «جياشياڭخاۋ» تاللا بازىرىنىڭ «شىنخۇا» دۇكىنىدا، ھەممە ئىشنىڭ تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى، تاۋارلارنىڭ ناھايىتى تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆردى. «نۆۋەتتە، بىز خام، يېڭى يېمەكلىك يەنى كۆكتات، يېڭى گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق - ياغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى داۋاملىق خاتىرجەم سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، نۆۋەتتە تۈرلۈك تاۋارلارنىڭ زاپاس مىقدارى بىر قەدەر تولۇق» دېدى «جياشياڭخاۋ» تاللا بازىرى «شىنخۇا» دۇكىنىنىڭ باشلىقى خۇ چۈنجۈ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، سودا سارايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، ياخشى ئىشلىدى ھەم كۆپ يول ئارقىلىق مال سېتىۋېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى «ۋەنكېلۇڭ» تاللا بازىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «تاللا بازىرى كەچتە تاقالغاندىن كېيىنكى، ئەتىگەندە تىجارەت باشلاشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، تاللا بازىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنى تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلدى ھەم ئاشلىق - ياغ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش سالمىقىنى ئاشۇردى».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، لوپنۇر ناھىيەسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، تاۋارلارنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئولتۇراق رايونلاردا ۋاقىتلىق كۆكتات، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىش نۇقتىسى قۇردى. «بىز چوڭ تىپتىكى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئامبار زاپىسىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى مال مەنبەسىنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا نۇقتىلىق ھالدا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بورھان ھەمدۇل.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازارلىرى، نۇقتىلىق سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى بىردەك بىر تۈركۈم ئاشلىق، گۆش تۈرى، كۆكتات قاتارلىقلارنى بازارغا سالدى ۋە زاپاس ساقلىدى، بۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە توشۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «يېشىل يول» سىياسىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى. «نۆۋەتتە، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار مەيلى ETC ئورناتقان بولسۇن ياكى ئورناتمىغان بولسۇن، ھەممىسى <يېشىل يول> سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا تېز، ھەقسىز يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئاممىنى تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى تىرانسپورت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇاڭ جىگاڭ.

(مۇخبىرلار ۋاڭ يۈجاۋ، ۋېي خۇڭپىڭ، يۈەن لېي، لۇ فېڭباۋ، جاۋ شىيا، لى لىن، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى فېي، لى يافېڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ