تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 2020 - يىلىدىكى 3 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي، كەسكىن غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ئەتراپلىق قىلىش، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سەپەرۋەرلىكنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئايرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش، تەشۋىق قىلىش - يېتەكلەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېنىق، توغرا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى چىڭىتىپ، ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشنى كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشتە چەتكىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە يەتكۈزۈلگەن، قاپلىشى پۇختا بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، تەپسىلىي، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىققا، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاچقۇچلۇق ئورۇن ۋە نۇقتىلىق سورۇنلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە يىغىلىشىنى ئازايتىپ، تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش، تەشكىللەش ۋە تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ