شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ شېڭ، تيەن شياۋخاڭ): مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 30 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)دە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك مىسالى 1771گە، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېغىر كېسەللىك مىسالى 515كە، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆلگەن كېسەللىك مىسالى 26(خۇبېي ئۆلكىسىدە 24، بېيجىڭ شەھىرىدە بىر، خەينەن ئۆلكىسىدە بىر)گە، يېڭىدىن ساقايغان كېسەل توققۇزغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي كېسەللىك مىسالى 2077گە يەتكەن.
1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 24كىچە، مەملىكەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 30 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)دىن جەمئىي 4515 كېسەللىك مىسالى توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۋالدى، ھازىر ئېغىر كېسەل 976گە، ئۆلگەنلەر 106گە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار 60قا يەتتى. ھازىر گۇمانلىق كېسەللىك مىسالىدىن 6973ى بار.
نۆۋەتتە، قويۇق ئۇچراشقان 47 مىڭ 833 ئادەم ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلدى، شۇ كۈنىدىكى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان 914 ئادەمنى چىقىرىۋەتكەندە، ھازىر 44 مىڭ 132 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ئېنىق دىياگنور قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنى جەملىگەندە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا سەككىز، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يەتتە، تەيۋەن رايونىدا بەش كېسەللىك مىسالى بار ئىكەن.