تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك.

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىگە قارىتا قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنى سۆيىدىغانلىقىدەك سەمىمىي مېھىر - مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي تۆتى بايقالدى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويدى.

ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ۋەزىيەت كەسكىن، ۋەزىپە مۈشكۈل، ھەر قايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. بۇ، بىر مەيدان «ئىس - تۈتەكسىز، لېكىن ھايات - ماماتلىق» جەڭ بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى جەزمەن ھازىرقى ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىش، مۈشكۈل جەڭ قىلىشتىكى ئىدىيەۋى تەييارلىق، خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنرەك مۆلچەرلەپ، قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ تولۇقراق ئويلىشىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ پۇختىراق تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇكى، بىپەرۋالىق قىلىشقا، بىخۇدلۇق قىلىپ تەلەي سىناشقا قەتئىي بولمايدۇ. تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كىرىش مەنبەسىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاغرىقلارنى ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى يىغىلىشنى قاتتىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ماددىي ئەشيا تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، تەشۋىقات - تەربىيە، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا قەتئىي ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش قىلىپ، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلاشتا، جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ھەممە ئادەم مەسئۇل بولۇش كېرەك. «جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسى» − «1 - دەرىجىلىك جەڭ تەييارلىقى» دېگەنلىكتۇر، يەنى ئەڭ تولۇق جەڭ سەپەرۋەرلىكى دېگەنلىك بولۇپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋاقتىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار كۆپرەك جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرسە، پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىشى بىر ئۈلۈش كۆپ بىخەتەر بولىدۇ، ساغلاملىقى بىر ئۈلۈش كۆپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، كۆڭلىمۇ بىر ئۈلۈش كۆپ ئەمىن تاپىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقماسلىقى، ئۆيىدە دەم ئېلىشى، ئۆزىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقتۇر.

قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ھەممىدىن ئەلا، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداش تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، بىز بوران - چاپقۇندىن قورقماي، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىشىمىز، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشىمىز كېرەك، پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ