تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يالغان ئۇچۇرنى ئىنكار قىلايلى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن خاتا ياكى يالغان ئۇچۇر توردا تارقالدى، بىز بىرلىكتە بۇلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايرىپ چىقايلى!

گىرادۇسى يۇقىرى ھاراق ئىچىپ بەرگەندە، يېڭى تىپتىكى تاجسسىمان ۋىرۇسقا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ؟

 خاتا!

ئەمەلىيەتتە، كۆپ ھاراق ئىچىش دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن دېرەك بەرمەيدۇ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتنى سۈرتكەندە ئاندىن دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولىدۇ.

ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى؟

خاتا!

ئەمەلىيەتتە: ئېغىز چايقاش بىلەن نەپەسلىنىش يولىنى تازىلىغىلى بولمايدۇ، تۇز سۈيىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈش رولىنىڭ بارلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى.

 «دافېي»(大菲)، «بىڭدۇلىڭ»(病毒灵)نى يەپ بەرگەندە, يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

خاتا!

ئەمەلىيەتتە، بۇ دورىلارنىڭ نۆۋەتتە بايقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا بولغان ئۈنۈمى تېخى بايقالمىدى.

بەنلەنگېن(板蓝根) ئىچىپ بەرگەندە ۋە ئاچچىقسۇ قاينىپ بەرگەندە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

خاتا!

ئەمەلىيەتتە: بەنلەنگېن(板蓝根) قۇرۇق ئىسسىق زۇكام قاتارلىق ئىسسىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى يوق؛ قاينىتىلغان ئاچچىقسۇنىڭ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن، دېزىنفېكسىيە ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

تاماكا چەككەندە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

خاتا!

ئەمەلىيەتتە، تاماكا چېكىش بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە ئېغىر كېسەللىك خەۋپىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.

VC يەپ بەرگەندە ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ۋىتامىنC ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرمەيدۇ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رولىمۇ يوق.

كۆپ قەۋەتلىك ماسكا تاقىغاندا، ئاندىن ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

خاتا!

ئەمەلىيەتتە، كۆپ قەۋەتلىك ماسكا ياكى N95 ماسكىسىنى چوقۇم تاقاش زۆرۈر ئەمەس، ئادەتتىكى(تاشقى كېسەللىكلەر) ماسكىسىمۇ چاچراندىلارنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قالالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ