تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىللىق، قولاي ئۆيگە قايتىش يولى

− مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى - تۇرپان «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» سەپىرىدىن ھېس قىلغانلىرى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ يۆ، ۋاڭ جوۋ

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ توڭ تۇمان ھاۋا رايىدا، «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» دەل ۋاقتىدا باشلاندى.

تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدىلا، ئاپتونوم رايون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى - تۇرپان قوش يۆنىلىشلىك «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورتى»نى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، تىرانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى جاكارلىدى.

پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋا رايى ئالدىدا، يېڭى تەدبىر ئارقىلىق قانداق قىلىپ تىرانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ سەپىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ مۇخبىرلار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ۋە تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كېلىپ، «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» ئېلىپ كەلگەن قولايلىقنى پۈتۈن جەريانلىق ھېس قىلدى.

شۇ كۈنى سائەت 11لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا توڭ تۇمان ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كۆرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سائەت 12لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئۈرۈمچى - تۇرپان، تۇرپان - ئۈرۈمچى قوش يۆنىلىشلىك «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى، PN6423 ئۈرۈمچى - چۇڭچىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى، PN6246 ئۈرۈمچى - جېڭجوۋ نۆۋەتچى ئايروپىلانى، 3U8525 ئۈرۈمچى - قەشقەر ئۇچۇش بۆلىكى، HU7744 ئۈرۈمچى - قەشقەر ئۇچۇش بۆلىكىدىكى 599 يولۇچى ئوق پويىزغا ئالمىشىپ، تۇرپانغا بېرىپ ئايروپىلانغا ئولتۇردى.

سائەت 13تە، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلگەندە، يولۇچىلار ئولتۇرغان نەچچە چوڭ ئاپتوبۇس ئەمدىلا ئايرىلغانىدى، كاپالەتلەندۈرۈش خادىملىرىمۇ يولۇچىلارغا ئەگىشىپ تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ماڭدى. T2 ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىچىدە، پورتقا كىرىپ - چىقىۋاتقان يولۇچىلار كۆپ ئەمەس ئىدى، ئايروپىلان كۈتۈش زالى تىنچ ۋە ئىناق كەيپىياتقا تولغانىدى.

تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كەلگەندە، «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» ئوبوروتىدىكى يولۇچىلار تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككىنچى قەۋەتتىكى A1 بېكەتكە كىرىش ئېغىزىدا تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يولۇچىلار مۇلازىمەت بۆلۈمى، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە يەر يۈزى مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە يەر يۈزى مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى قاتارلىقلاردىكى ئون نەچچە زاپاس خادىمنىڭ تەسەللى بېرىشىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشتى.

«ئىلگىرى ناچار ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، نۆۋەتچى ئايروپىلان دائىم كېچىكتۈرۈلۈپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئادەمنى تولىمۇ پەرىشان قىلاتتى. بۇ، مېنىڭ تۇنجى قېتىم <ئاۋىياتىسيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى>غا ئولتۇرۇشۇم، گەرچە ئايروپورتتىن ۋوگزالغا بېرىپ، ئوق پويىزغا ئالمىشىپ يەنە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئازراق ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنلا ئۆيگە قايتالايدىغانلىقىمدىن يەنىلا ناھايىتى خۇشالمەن» دېدى قەشقەرلىك يولۇچى رۇقىيەم ئەمەر مۇخبىرلارغا. «جاپادىن قورقمايمىز، يولۇچىلارنى بالدۇرراق ئۆيىگە قايتقۇزۇش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز.» «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان خەينەن ئاۋىياتسىيەسى پاي كونترول شىنجاڭ بازىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ۋاڭ لىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى ئون كىشى ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بېرىپ، بۇ قېتىملىق قەشقەرگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

سائەت 15دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يولۇچىلار C9962 - قېتىملىق تۆمۈريول مەخسۇس پويىزىغا چىقتى. «بىزنىڭ پويىز گۇرۇپپىمىز چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان زاپاس توشۇش موتورلۇق گۇرۇپپىسى، پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق خادىمى سائەت 13تە يىغىلىپ ئورۇنلىرىغا بېرىپ، يولۇچىلارنى ياخشى پويىزغا ئولتۇرۇش مۇھىتى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش بۆلىكى شەھەر ئارا پويىز ئەترىتى شەھەر 17 - گۇرۇپپىسىنىڭ پويىز باشلىقى شياۋ شياۋ مۇخبىرلارغا.

«بۈگۈن بىز تاكسى، ئاپتوبۇس، پويىزغا ئولتۇردۇق، يەنە ئايروپىلانغا چىقىمىز، كەچتىلا ئۆيگە يېتىپ بارىمىز...» پويىز ئۇچقاندەك ماڭماقتا، چۇڭچىڭلىق يولۇچى رەن گوجى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بولۇپ ئون نەچچە كىشى بىرلىكتە پويىزدا خۇشال كەيپىياتتا ماڭدى، يەنە يان تېلېفونىدا ئىچكىرى رايونلاردىكى تۇغقانلىرى بىلەن سىندا سۆزلەشتى.

سائەت 16دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پويىز تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا توختىدى. يولۇچىلار ۋوگزالدىن چىققاندا، ئاپتوبۇسنىڭ ئۇلارنى ساقلاۋاتقىنىغا خېلى بولغانىدى. تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يولۇچىلار ئون مىنۇتقا قالمايلا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولدى. تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ساۋ ليېتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى «ياردەمچى ئەسكەر» كۆپەيتىپ ئەۋەتتى، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پوكىيى ئۈچتىن تۆتكە كۆپەيتىلدى، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش يولىمۇ ئادەتتىكى چاغدىكى بىردىن ئۈچكە كۆپەيتىلدى، يەر يۈزىدە توشۇشتا خىزمەتچى خادىملار كۆپەيتىلدى.

سائەت 18دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، 3U8525 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇپ ئايرىلدى. شۇ كۈنى «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» ئارقىلىق تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار كەينى - كەينىدىن ئايروپىلانغا چىقىپ ئايرىلدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى تەمىنلىگەن ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 17گىچە، ھاۋا ياخشىلىنىپ، ئايروپورت چوڭ كۆلەملىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كېچىكتۈرۈش سېرىق رەڭلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى بىكار قىلىپ، ئايروپورتنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك پىلانىدىكى پورتتىن چىقىدىغان 202 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدىن 97سى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، 34ى كېچىكتۈرۈلگەن، بىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئايروپورتتا يولۇچىلارنىڭ چوڭ كۆلەمدە تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ