تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى بېكىتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): 2020-يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى بېكىتىلدى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈسە بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» تور بېكىتى (http://www.xjzk.gov.cn)دىن نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ ھەمدە نەتىجە قەغىزىنى ئۆزى بېسىپ چىقارسا بولىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولغانلار 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش يازما ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئىلتىماس قايتا قوبۇل قىلىنمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدىكەن، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى ئىمتىھان بەرگەن-بەرمىگەنلىكى، ئىمتىھان ئۇچۇرىنىڭ چۈشۈپ قالغان-قالمىغانلىقى، ئىمتىھان سوئالىنىڭ تەكشۈرۈلگەن-تەكشۈرۈلمىگەنلىكى، نومۇرىنىڭ خاتا جەملەنگەن-جەملەنمىگەنلىكى تەكشۈرۈلىدىكەن، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنمەيدىكەن.

  قوشۇمچە: 2020-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى:

     1. گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى

    (1) تولۇق كۇرسنىڭ لاياقەتلىك بولۇش چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 180 نومۇردىن يۇقىرى ياكى 180 نومۇر بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پەندىكى نەتىجىسىنىڭ ھەر بىرى 60 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

    (2) ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)نىڭ لاياقەتلىك بولۇش چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 170 نومۇردىن يۇقىرى ياكى 170 نومۇر بولۇشى كېرەك.

    2. مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس دەپ ئايرىلمايدۇ، ئومۇمىي نەتىجىسى 148 نومۇر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ