تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىڭ، ياڭ شو خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ئۇيۇشتۇرغان 2020-يىللىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
كېچىلىك چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل «رەڭدار جۇڭگو يىلى» بىلەن باشلاندى. بۇ يىلقى باشلىنىش ئۇسسۇلىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئويۇن رەڭدار، سەھنە ئۈنۈمى تېخىمۇ جۇلالىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارمۇ ئەجدىھا، شىر ئوينىتىش نومۇرلىرىغا قىستۇرۇلۇپ، قويۇق جۇڭگو يىلىغا خاس تۈس قوشۇلدى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىكتە، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى نەق مەيدان لىنىيەسى شەكلى ئارقىلىق، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىغا چاغانلىق تىلەك يوللىدى.