1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جىنەن شەھىرىنىڭ شەھەر مەركىزى رايونىدا، شەندۇڭ جىخۇا يېقىلغۇ گاز چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پۇراپ تەكشۈرۈش ئاپشاركىسىنى باشلاپ «ئالدىن تەكشۈرۈپ»، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەندۇڭ يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى تارماقلىرى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋاسىتىسىنى كۆپەيتىپ، پۇراپ تەكشۈرۈش ئاپشاركىسى تەكشۈرۈش ۋە سۈنئىي تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تېز سۈرئەتتە يېقىلغۇ گاز قېچىش نۇقتىسىنى تېپىپ، دەل ۋاقتىدا يوشۇرۇن خەۋپنى يوقاتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو شۈلېي فوتوسى