تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچتۇرپاندا تۈمەنلىگەن كىشى بازارغا بېرىپ چاغاننى كۈتۈۋالدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرى خاۋ لىڭ

ھەر شەنبە كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ بازار كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى قاتار ئۈژمە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەلى ئوبۇل كىچىك ھارۋىسىدىكى چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى 1000دىن 2000غا كۆپەيتتى، سوقۇلغان لازىنىمۇ بىر پەتنۇستىن ئىككى پەتنۇسقا كۆپەيتتى.

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ چاغاندىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بازار كۈنى ئىدى. سائەت 12دە، ئەلى بازارغا كىرگەندە، بازار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ئادەملەر مىغىلداپ تۇراتتى. ھارۋا ئېقىمى، ئادەم ئېقىمىغا ئەگىشىپ بازارغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر دوقمۇشتا توختاپ، مەشكە ئوت قالاپ چوڭ داستىكى چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇملارنى ئىسسىتتى. ناھايىتى تېزلا كىشىلەر ئولىشىپ كېلىپ، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى سوقۇلغان لازىغا مىلەپ يېگەچ، پاراڭغا چۈشتى.

خېرىدارلارنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پاكىز، رەتلىك كىيىنگەنلىكىنى، چىرايىدا ئەكس ئېتىپ تۇرغان بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈپ، كۆپ يىلدىن بۇيان چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېتىپ كېلىۋاتقان ئەلى چاغاننىڭ ئالدىدىكى بازارنىڭ يىلدىن - يىلغا قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. 2014 - يىلىدىن ھازىرغىچە، ئەلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە قەدەممۇقەدەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا قاراپ ماڭدى.

بازارنى ئاچقان ھەم باشقۇرۇۋاتقان ئۇچتۇرپان ناھىيەسى لۈيۈەن مىللىي سودا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئۇچقۇنجان خالمۇرات مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بازار تۇرۇشلۇق جاي ئەسلىدە بىر تاشلاندۇق ئەخلەت مەيدانى بولۇپ، 11 يىل قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېپيېڭى تۈسكە كىردى، تەمىنلىگەن يايما ئورنى، بازاردىكى تاۋارلارنىڭ تۈرى، كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى.

چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، بىر يىل ئالدىراش ئۆتكەن دېھقانلارنىڭ يانچۇقىدا پۇلى بار بولغاچقا، يېمەك - ئىچمەك رايونى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. سامسا، قوي گۆشى كاۋىپى، توخۇ كاۋىپى قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ساتىدىغان يايما ئىگىلىرى چەبدەسلىك بىلەن ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاچ، مېھمان كۈتەتتى، ئۇلارنىڭ يايمىسىغا ئىككىلىك كود بەلگىسى ئېسىلغان بولۇپ، مېھمانلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن كۆپىنچىسى كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلەيتتى.

ئەلىگە ئوخشاش بۇنداق سەييارە يايمىچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بازاردا مۇقىم يايما ئورنىدىن 800ى بار ئىكەن. يايما ئىگىسى ئۆمەرجان ئوسماننىڭ ئېيتىشىچە، بىر يايما ئورنىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغىنى پەقەت بىر ئائىلىلا ئەمەس ئىكەن، ئۇ سېتىۋاتقان نان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى ئالاساي كەنتىدىكى سەنتەي يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ پىششىقلاش زاۋۇتى 200دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ نان يېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بوپتۇ.

مېۋە - چېۋە، كۆكتات رايونىدا، بازار ئايلىنىۋاتقان ئوتبېشى يېزىسى دۆڭچىغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختىگۈل تۇردى بىر خالتا ئۈزۈم، جۈزە قاتارلىق مېۋىلەرنى سېتىۋالدى. ئۆيىدىن چىققاندا، كەنت كادىرى بولغان ئېرى ئەخمەت ياسىن ئۇنىڭغا ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «بازارغا بارغاندا مېۋىنى كۆپرەك سېتىۋېلىڭ، چاغاننى تەبرىكلەپ كېلىدىغان <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىرلار ۋە تۇغقانلاشقان كادىرلارنى ياخشى كۈتۈۋالمىساق بولمايدۇ. كەنتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلار كۆپتىن - كۆپ ئەجىر قىلدى».

«مەن دائىم بازاردا دېھقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمەن. بىر ئاي ئىلگىرى، مەن زاۋۇتقا تېلېفون قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى باش تېما قىلغان بىر تۈركۈم چۇنليەن زاكاز قىلغانىدىم، ھازىر بۇ چۇنليەنلەر ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ» دېدى يايما ئىگىسى جاڭ شاۋخۇا مۇخبىرغا.

سائەت 15تىن كېيىن، يېمەك - ئىچمەك رايونىدىن چىققان تۈركۈم - تۈركۈم كىشىلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى رايونى ۋە چارۋا - قۇش يەم - خەشەكلىرى رايونىغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى رايونىدا، يايمىچى مەخمۇت مەمەت ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ يالغۇز ئۆرۈك كەنتىدىن كەلگەن كەنت ئاھالىسى رامىلە مۇختەردىن: «سىز قانچىلىك چوڭلۇقتا پارنىك سالماقچى؟ قانچىنچى ئايدا كۆكتات مايسىسى كۆچۈرىسىز؟» دەپ سورىدى. رامىلەنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەخمۇت ئۇنىڭغا 11 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا سولياۋ رەخت ئۆلچەپ بەردى. شۇ كۈنى، ئۇ 200 مېتىردىن ئارتۇق سولياۋ رەخت ساتقان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى چاغاندىن كېيىن ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

بازاردىكى قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىنى كۆرگەن ئۇچقۇنجاننىڭ ھاياجانلانغان ھالدا ئېيتىشىچە، بازارنى قۇرۇش باشلانغان چاغدا، ناھايىتى كۆپ ئادەم بازارنىڭ ئورنى چەترەك، چوقۇم ئادەم كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جايدا ھەپتىدە بىر كېلىدىغان بازار كۈنى تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماپتۇ، ئۇ بازار ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بازارنى دائىم ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ