تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، نەچچە يۈزلىگەن ياۋا ئۆردەك ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگوۋ باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى ۋە شىنجاڭ داشۆ خوڭخۇ كۆلىگە جەم بولدى، ئۇلار گاھ سۇغا چۆكۈپ بېلىجانلارنى تۇتسا، گاھ قانات قېقىپ ئوينايتتى. ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى قىشتا بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ، چىرايلىق مەنزىرە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگوۋ باغچىسىدىكى كۆل يۈزىدە ياۋا ئۆردەكلەر ئەركىن ئۈزمەكتە.
ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگوۋ باغچىسىدا بىر نەچچە ياۋا ئۆردەك خۇشال ئوينىماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسىدا نەچچە يۈزلىگەن ياۋا ئۆردەك سۇ يۈزىدە ئەركىن ئۈزمەكتە.
شىنجاڭ داشۆ خوڭخۇ كۆلىدە بىر نەچچە ياۋا ئۆردەك ئوزۇقلۇق يىمەكتە.