تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جوۋ لىنجى: ھاياتى بەدىلىگە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

جوۋ لىنجىنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ ۋېنتاۋ) خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي، قارا نىيەتلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە «خەتەردىن قورقماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش» قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، ئۇ دەل خەلق ئاۋىياتسىيەسى چۇڭچىڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ سابىق بۆلۈم باشلىقى جوۋ لىنجى.

1948 - يىلى جوۋ لىنجى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ پېڭشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1969 - يىلى 4 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش قىسمىغا قاتناشقان، 1971 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى، 4 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، جياڭبېي شۆبە ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان، 1990 - يىلى 9 - ئايدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ خەلق ئاۋىياتسىيەسى سىچۇەن باشقۇرۇش ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، ئوت ئۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان، 1997 - يىلى 5 - ئايدا خەلق ئاۋىياتسىيەسى چۇڭچىڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان.

1969 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، جوۋ لىنجى 30 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، ئۇ كۆپ قېتىم ئىلغار خىزمەتچى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان.

1999 - يىلى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 21دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، پىچاق كۆتۈرۈۋالغان ئون نەچچە قارا نىيەت چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ جياڭبېي رايونىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدە ئاياللارغا پوخورلۇق قىلغان ھەم توسۇشقا كەلگەن خەلق ساقچىلىرى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان، ئۇرغان. بۇ ۋاقىتتا، ئاغرىپ قېلىپ ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقان جوۋ لىنجى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە قۇرۇق قول پىچاق كۆتۈرۈۋالغان قارا نىيەتلەر بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان. بۇ ئارىدا جوۋ لىنجى بەختكە قارشى بىر قارا نىيەت تەرىپىدىن پىچاق يەپ بېلى يارىلانغان، لېكىن ئۇ يەنىلا قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، قارا نىيەتنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمىگەن، ئاخىردا يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا يەرگە يىقىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 51 ياشتا ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەققانىيەت يولىدا مەردلىك قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى شەرھلىگەن.

جوۋ لىنجى قۇربان بولغاندا، قىزى جوۋ يەن ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، داشۆنى پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغانىدى. دادىسى قۇربان بولغاندىن كېيىن، جوۋ يەن دادىسىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئېلىپ، قەتئىيلىك بىلەن چۇڭچىڭ ئايروپورتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا قوشۇلدى. ساقچى بولغان 20 يىلدىن بۇيان، جوۋ يەن ئىزچىل ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئايروپورت ساقچىخانىسى، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى، ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىدە خىزمەت قىلىپ، بىر خىل قەتئىيلىك ۋە قەيسەرلىك بىلەن، ئادەتتىكى خەلق ساقچىسىدىن بىر ئاساسىي قاتلام رەھبىرىي كادىرىغا ئايلاندى. ئادەتتىكى كۈنلەردە، مەيلى تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ مەشىق قىلىشتا بولسۇن ياكى بوران - چاپقۇن، ئاپتاپتا نۆۋەتچىلىك قىلىشتا بولسۇن، جوۋ يەن ھەمىشە ھەربىي فورما كىيىپ، ئۈلگە بولۇپ ئالدىدا تۇردى.

«ئايروپورت شەھەرنىڭ دەرۋازىسى، بىخەتەرلىك جەھەتتە قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق كونترول قىلىش، قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، بىز ئايروپورت ساقچىلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ئەگىشىپ ماڭىمىز، ئالاھىدە ساقچىلار تېخى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، خىزمەت ئىنتايىن جاپالىق، لېكىن بۇنىڭ بەدىلىگە تەۋەلىك رايوننىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلىمىز» دېدى جوۋ يەن.

ئىنقىلابىي قۇربانلار روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئايروپورت شۆبە ئىدارىسى «ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىش» ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ھاۋا مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسى ۋە قېلىپلىشىش دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، چۇڭچىڭ ئايروپورتى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ