تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى - تۇرپان قوش يۆنىلىشلىك «ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇلىدۇ

پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋارايىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ راۋان سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش

ئۈرۈمچى - تۇرپان قوش يۆنىلىشلىك «ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇپ، «ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى»نى دائىملاشتۇرۇپ كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى - تۇرپان قوش يۆنىلىشلىك «ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى»نى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، تىرانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە يولۇچىلارنىڭ راۋان سەپەرگە چىقىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرىدىكەن.

شىنجاڭ تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك كىلىماتقا تەۋە بولۇپ، قىش پەسلى ئۇزاق، قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئىنتايىن كۈچلۈك «دائىرە خاراكتېرلىك» ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئاسانلا تۇمانلىق ھاۋارايى شەكىللىنىدۇ، ھەر يىلى 12 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 2 - ئايغىچە، قار يېغىش، توڭ تۇمان، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مۇرەككەپ ھاۋارايى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ئايروپورتنىڭ يۈرۈشۈشىگە بىرقەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاۋ رۇنۋېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى»نى دائىملاشتۇرۇپ كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مەخسۇس پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇپ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇرەككەپ ھاۋارايىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا كىرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنىڭ قىسقارتىلغان قىسمىنى ئىچكىرى رايونلاردىن تۇرپانغا بىۋاسىتە ئۇچۇشقا تەڭشەيدىكەن ياكى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى يولۇچىلارنى تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە ئۇچۇشقا يۆتكەپ توشۇيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا زاپاس قونغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىن پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە ئۇچۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ھازىر بار بولغان تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋىياتسىيە بازىرىنى پائال يېتىلدۈرىدىكەن. پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋارايىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا تەڭشەپ، يولۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك توشۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى - تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تىجارەت باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى ۋە كەسپىي خادىملىرىنى تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا بىرتۇتاش پىلانلاپ سەپلەپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن ھەم ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پوكىيى ئېچىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تۇيغۇسىنى ياخشىلايدىكەن. تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغىچە بولغان تۇتاشتۇرۇش كارىدورى تۈرىدە ئىش باشلاش ئارقىلىق، ئايرودۇرۇمنىڭ زاپاس قونۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارى ھەم يولۇچىلارنى يۆتكەپ توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن.

2019 - يىلى 12 - ئايغىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا بۇ يىل قىشتا جەمئىي بەش قېتىم ھاۋارايى سەۋەبىدىن تۈركۈملەپ نۆۋەتچى ئايروپىلان (ئون نۆۋەتچى ئايروپىلان<ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ>دىن كۆپ)نىڭ تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا زاپاس قونۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، تۇرپان - ئۈرۈمچى يۆنىلىشىدىكى «ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» تۆت تۈركۈم قېتىم يولغا قويۇلۇپ، زاپاس قونغان 9239 يولۇچى يۆتكەپ توشۇلغان؛ ئۈرۈمچى - تۇرپان يۆنىلىشىدە «ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» ئارقىلىق 14 نۆۋەتچى ئايروپىلانغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، 1629 يولۇچى يۆتكەپ توشۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ