تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش

−جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانماقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن چياۋچياۋ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست − قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىن ئىبارەت ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى. بۇ يەردە، چۆل، قۇملۇقتىن ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغىلارغىچە بايلىق ئەۋزەللىكى ئۈنۈمسىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان بولۇپ، نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستى ئۇزاقتىن بۇيان خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش... شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدا ئەمەلىي تەدبىر كۆرسەتتى، ئەمەلىي كۈچىدى، كادىرلار، ئامما جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلىدى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولدى.

دىققەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» كۈچەپ ھەل قىلىندى، نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كادىرلار، ئامما كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا قاراپ كۈچەپ ئاتلانماقتا.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش   تاغلىق يېزىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى يېزىش

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، قىش پەسلىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولۇپ، ئاسمان كۆپكۆك ئىدى، شەرىخان ھېيىت ئالدىراش كىرىپ - چىقىپ ئۆزىنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ ھويلىسىنى تازىلاۋاتاتتى. 80 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانىسى بار بۇ يۈرۈش يېڭى ئۆي رەتلىك، ئازادە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يۈرۈشلۈك شىرە، سافا، تېلېۋىزور ئىشكاپى ۋە توڭلاتقۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

«كونا ئۆيۈم دەريا يولى تەرەپتە ئىدى، ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈن كېلىپ، ئۆي، ھويلا، قوتاننى دائىم سۇ بېسىپ كېتەتتى.» شەرىخان ھېيىت مۇنداق دېدى: «ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كېسەك تاملارمۇ ئۆرۈلۈشكە ئاز قېلىپ، خەتەرلىك ئۆي بولۇپ قالغانىدى».

شەرىخان ھېيىت تۇرۇشلۇق يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشراپ يېزىسى ئاراتاش كەنتى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سەل كەڭرەك جىلغا بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، يەكەن دەرياسى جىلغىنى ئەگرى - بۈگرى كېسىپ ئۆتىدۇ.

كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى لى شۆبياۋ كەنتنىڭ كونا قىياپىتىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇمىدى: ناھىيە بازىرىغا 120 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان كەنتتە توپا يول ۋە شېغىل يوللا بار بولۇپ، توك ۋە سۇ تۇتاشتۇرۇلمىغانىدى. قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، بۇ يەرگە سۇ، توك، يول تۇتاشتۇرۇلدى، پۈتۈن كەنتتىكى 130 ئائىلىلىك ئاھالە ھەممىسى يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. سارغۇچ قىزىل رەڭدە ئاقارتىلغان ئەمىن ئۆي دەريانىڭ بىر تەرەپ قىرغىقىدىكى يانتۇلۇقتا رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، قاتتىقلاشتۇرۇلغان ئاسفالت يوللار ھەممە ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلدى.

2019 - يىلى شىنجاڭ دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 37 مىليارد 567 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلىدى: يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 346 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاخىرقى 9355 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنى بىخەتەر ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە تۇرۇش تارىخى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتى.

ئۈمىد ئىچىدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلەردىن يەنە، ئابەكرى خەلپەت ئائىلىسىدىكىلەر بار. ئۇنىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق قاغىلىق ناھىيەسى چوپان يېزىسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار بولۇپ، يىل بويى كەلكۈن، لاتقا شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئوئاپەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۆي، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ھەر يىلى بۇزۇلۇپ، ھەر يىلى ياسىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر ئۈنۈمسىز بولغان، تىپىك «بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى باقالمايدىغان» ئېغىر نامرات رايون ئىدى.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئۈنۈمسىز تاغلىق كەنتتىن ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كىرگەن ئابەكرى خەلپەت تۇنجى قېتىم بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇپ، پاردا ئىسسىندى. 2019 - يىلى، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى، 40 مىڭ 146 ئائىلىلىك، 169 مىڭ 400 كىشى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇپ، خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش   «نامراتنىڭ نامرىتى»غا ھۇجۇم قىلىش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، بارغانسېرى كۆپلىگەن نامرات ئائىلە ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇش، بىخەتەر، پاكىز سۇ ئىچىش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تولۇق قاپلىشىدىن بەھرىمەن بولۇش، يەنە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

29 ياشلىق پاتىگۈل ئەلى بىر پەلەي زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، بۇلتۇر 7 - ئايدا يېزا - بازارلىق شىپاخانىدا سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. «ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا ھەقسىز داۋالىنالىدىم، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتىمەن، ئەگەر ياخشى بولۇپ كەتسەم يەنە زاۋۇتقا قايتىپ ئىشلىيەلەيمەن» دېدى پاتىگۈل ئەلى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىرى دوختۇرخانىسى يېڭىسار شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ۋاڭ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى داۋالاشنىڭ مۇددىتى ئۇزاق، خىراجىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىمدىن كۆپرەك ئاغرىق نامرات ئائىلىدىن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا ھەقسىز ياتاق - تاماق بىلەن تەمىنلەپ، ھەقسىز داۋالىدى، يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاغرىقلارغا ھەقسىز تۇرمۇش بۇيۇمى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى تارقىتىپ بەردى.

«2019 - يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىمۇ تاللاپ تەكشۈرۈپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىدۇق» دېدى يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازارلىق مەركىزىي شىپاخانىنىڭ شىپاخانا باشلىقى ئەسقەر ئۆمەر.

سىجىل قانات يايدۇرۇلغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئاغرىقلارنىڭ چوڭ كېسىلىگە قارىتا قۇتقۇزۇش - داۋالاش بولۇش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلىگە قارىتا كېلىشىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تاللاپ تەكشۈرۈشتە ئېنىقلانغان يۇقۇملۇق كېسەل ۋە يەرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىنى ۋاقتىدا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئېغىر نامرات جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئاھالىلىرىنى تۇبېركۇليۇز، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە يەرلىك كېسەللەرنىڭ ئازابىدىن تەدرىجىي قۇتۇلدۇردى.

شۇ جايدىكى تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەر نامراتلار سانىنى ئازايتتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمى شۇ جاينىڭ تەرەققىيات قارىشىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى، ئىقتىسادى كۈنسېرى مۇقىم بولدى، گۈللەندى، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئۆرپ - ئادەت كۈنسېرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ساياھەتچىلىك شىددەت بىلەن ئېشىشنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتى يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنىڭ «ھەميېنى»نى تەدرىجىي بېيىتتى. تۇتاش قارلىق تاغلار، زىچ جايلاشقان كۆللەر، ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان قاراقۇرۇم تېغى سانسىزلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1455 كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسىدىكى تاشيول لىمىتلىق ۋېلىسىپىت مىنىش لىنىيەسىگە ئايلىنىپ، ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.

قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 105 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇنجى قارلىق تاغ داۋىنىنىڭ ئاستىدا، نۇرئابات كەنتىدىكى چارۋىچىلار پاكىز، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۆيىنى ئالاھىدە ئاچتى، بىر كېچىلىكى 60 يۈەنلىك قونۇش ھەققى بىلەن، ھەر يىلى ھەربىر دېھقان ئائىلىسىگە 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ.

2019 - يىلى شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى نۇرئابات كەنتىدە مەبلەغ سېلىپ، يۈرۈشلەشكەن - تولۇق، بىخەتەر - ئازادە ساياھەت كۈتۈۋېلىش رايونى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قوشۇمچە كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا سىجىل كۈچىدى. 2019 - يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا 18 مىليارد 819 مىليون يۈەن ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1935نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك قوللىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش   ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش

ئۇزاقتىن بۇيان، رايون، تەبىئەت، ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى كۆپ بولۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى تار، سۈپىتى تۆۋەن، تۇراقلىقلىقى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى ئېچىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «سۇ ساقلاش كۆلچىكى»نىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاپ، ھەربىر ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى باش سايباغ كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن نامرات كەنتلەرگە ئوخشاش، تېرىلغۇ يېرى ئاز، ھاسىلات تۆۋەن ھەم مۇھىت بېكىنمە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل، ئومۇمىي كىرىمى بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى.

تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن ياش مەتتوختى ھېكىم يېڭىدىن ماكانلاشقان بىر تىككۈچىلىك كارخانىسىغا كىرىپ بىر يىل بولمايلا، ئىچكىرى رايونلاردىكى تېخنىك ئۇستىسىنىڭ يېتىشتۈرۈشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ تېخنىكىغا ئايلىنىپ، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن كۆپرەك مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

مەتتوختى ھېكىمگە ئوخشاش، بارغانسېرى كۆپ نامرات ئامما كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. «كارخانا ئىچكىرى رايوندىن مۇنەۋۋەر خادىم ۋە تېخنىكلارنى تاللاپ كەلتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىققا قويدى، يېزا - بازار كادىرلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن، نامرات خادىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا سەۋىيەسى تېز ئۆستى.» كارخانا مەسئۇلى ياڭ چۇن مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون قۇراشتۇرۇش، يېمەكلىك پىششىقلاش...ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. كۆپلىگەن نامرات رايونلاردا، «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزا - بازارلاردا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتتە ھەمراھ زاۋۇت بولۇش، ئائىلىدە كىچىك ھۈنەرخانا بولۇش»تىن ئىبارەت كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئېتىبار سىياسىتى نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇردى.

خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە، %95تىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچى كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار شۇ جايدىكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىشتىكى «ئاساسىي قوشۇن»غا ئايلاندى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە شۇ جايدىن 120دىن ئارتۇق نامرات خادىم قوبۇل قىلدى. «كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمى پەسىل بويىچە سېتىش سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسىي جەھەتتىن باج تاپشۇرمايدىغان بولدى، بۇ، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى سۇلايمان مەمتىمىن.

ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان پولاتجان تالىپمۇ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولدى. «مەن باجنى كېمەيتىشتىن تېجەپ قېلىنغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشكە، بىر قىسمىنى خادىملارغا كۆپرەك سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىمەن، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ نامرات دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى پولاتجان تالىپ.

مۇخبىرنىڭ شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى، شىنجاڭ قېپقالغان 165 مىڭ نامرات نوپۇسنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 560 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى غەلىبىلىك تاماملىنىدىكەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ