تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 2020- يىللىق چاغانلىق ئېسىل لىنىيەدىن 53 نى ئېلان قىلدى

  ياشىن تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى، سىرتقا 2020- يىللىق چاغانلىق ئېسىل لىنىيەدىن 53 نى ئېلان قىلدى، بۇ لىنىيەلەردە ساياھەتچىلەر ھەم مىللىي ئۆرپ - ئادەت بايرىمىنى ھېس قىلالايدۇ ھەم قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.

  53 ئېسىل لىنىيە ئىچىدە، 33 لىنىيەدە ئارىشاڭدا دەم ئېلىپ داۋالىنىش ساياھىتى، چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەت ساياھىتى، قار - مۇز فوتو سۈرەت ساياھىتى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىستىراھەت ساياھىتى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ئاساسىي تېما ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئاساس قىلىنىدىكەن. بۇ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى ۋۇسەيۋەن ساياھەت ئىستىراھەت رايونى گۇخەي ئارىشىڭى، تۇرپان شەھىرى تۇيۇق پىيادە بەدەن چېنىقتۇرۇش ساياھىتى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى، يىپەك يولى داخەيداۋ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 20 ئېسىل لىنىيە شىنجاڭنىڭ قىشلىق سەھرا ئارامگاھى ساياھەت ئېسىل لىنىيەسى بولۇپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ سەھرا ئىستىراھەت بەدەن چېنىقتۇرۇش ساياھىتى، سانجى شەھىرىنىڭ سەھرا ئىستىراھەت ساياھىتى، مورى ناھىيەسىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش ساياھىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «2020- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ساياھەتچىلەر، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن ساياھەت رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، بىز يەنە يۆلياڭۋەن قولتۇقىدا 4- نۆۋەتلىك «قار - مۇز مىلودىيەسى، مۇزلۇقتىكى گۈزەل ئۇچرىشىش» قار - مۇز ساياھەت پەسلىنى ئۆتكۈزىمىز، بۇ پائالىيەتتە مۇز ئويما، گۈللۈك پانۇس، قار - مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرى ۋە ئەدەبىيات سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق مەزمۇنلار بار، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇلان تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  «چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت، قار - مۇز تەنتەربىيەسى، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باش تېما تۈرىدىكى پائالىيەتنى يولغا قويۇپ، 53 ئېسىل لىنىيەگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئامما ۋە جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ چاغاننى قويۇق تۈس بىلەن ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى گۈلى ئابلىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ