تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن يۈەنيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 1- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2020-يىللىق يۈەنشياۋ بايرىمىلىق ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئۇتۇقلۇق سۈرەتكە ئېلىندى، بۇ پروگرامما يۈەنشياۋ بايرىمى كۈنى شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلىدۇ.
تۇرپان شەھەرلىك كىچىك پەرىشتە ئۇسسۇل سىنىپى ئېلىپ كەلگەن ئۇسسۇل «سېنى سۆيىمەن جۇڭگو»نىڭ ئورۇندىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىچىك ئارتىسلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا چاغانلىق تىلەك يوللىدى. ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا، دېكلاماتسىيە قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
كېچىلىكتە يەنە، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2020-يىللىق يۈەنشياۋ بايرىمىلىق ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تەشكىلىي كومىتېتى يەنە نومۇر ئورۇنلاشقا قاتناشقان ئورۇنلارغا مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى، تەسەۋۋۇرغا باي، نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى يۇقىرى تۆت نەپەر كىچىك رىياسەتچىگە «ئەڭ كىچىك رىياسەتچى مۇكاپاتى» ۋە كىرىستال مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بەردى.