1-ئاينىڭ 20-كۈنى، پىدائىيلار شىئەن ۋوگزالىدا پويىزغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يولۇچىلارغا پانۇس سوۋغا قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىئەن شەھەرلىك كومىتېتى «ياش پىدائىيلار سەپىرى، ئىللىق ئۆيگە قايتىش يولى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىئەن شەھىرىدىكى ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ياش پىدائىيلارنى شەھەر ئىچىدىكى نۇرغۇن ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى، ۋوگزال، مېترو بېكىتى ۋە شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق قاتناش يوللىرىدا تۈرلۈك شەكىلدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يولۇچىلارغا ئىللىق، قولاي، قويۇق چاغان كەيپىياتىغا ئىگە يول يۈرۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شياۋ فوتوسى
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، پىدائىيلار شىئەن ۋوگزالىدا يولۇچىلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە.
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىئەن ۋوگزالىدا، ئىككى يولۇچى پىدائىيلار سوۋغا قىلغان چۈنلىيەننى ئالماقتا.