تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لوپ ناھىيەسى: قىپقىزىل پانۇسلار ياخشى كۈنلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى رۇڭ، مەمەتئېلى ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى): چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چاغان كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. پانۇس سېتىۋېلىش، پانۇس ئېسىش كەم بولسا بولمايدىغان يېڭى يىللىق مۇراسىم بولۇپ قالدى، بۇ قىپقىزىل پانۇسلار مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلەش بىلەن بىرگە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى قوغاچئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى.

ئالدىراشچىلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش سېخى

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، قوغاچىئېرىق كەنتىگە جايلاشقان لوپ ناھىيەسى جياڭمەنيۈەن ئوردا پانۇسى زاۋۇتىدا، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان پانۇسلار يەشكىلەرگە قاچىلىنىپ تارقىتىلىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئىشلەپچىقىرىش سېخى تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى: رەختنى ئۇلاش، پانۇسنىڭ شەكلىنى چىقىرىش، ئالتۇن ھەل بېرىش... نەچچە ئون ئىشچى - خىزمەتچى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  پانۇسقا ئالتۇن ھەل بېرىۋاتقان خىزمەتچى مۇھەررەم ئېزىز مۇنداق دېدى: «بىز ياسىغان بۇ پانۇسلارنىڭ ھەر قايسى ئائىلىلەرنىڭ ئالدىدا چىرايلىق ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى ئويلىساملا، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۈمىمەن.» مۇھەررەم قوغاچئېرىق كەنتىدىكى بىر ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى بولۇپ، پانۇس زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملاتتى ھەمدە ناھايىتى تېزلا ھەر قايسى ياساش ھالقىلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، سېخ باشلىقى بولدى.

   پانۇسقا ئالتۇن ھەل بېرىش

  مەشغۇلات رايونىنىڭ يېنىدىكى بوش يەرگە ياسىلىپ بولغان قىزىل پانۇسلار تىزىلغانىدى؛ سېخنىڭ تورۇسىغا ھەر خىل پاسون ۋە ماتېرىياللاردىن ياسالغان پانۇسلار ئېسىقلىق تۇراتتى. نۆۋەتتە، قوغاچىئېرىق كەنتىدە 30دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بۇ ئوردا پانۇس زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 1500 يۈەنگە يەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، لوپ ناھىيەسى جياڭ مەنيۈەن پانۇس زاۋۇتى لوپ ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن پايدىلىنىپ قۇرغان ئەمگەك كۆجەملىشىش تىپىدىكى كارخانا ئىكەن. زاۋۇتقا جەمئىي 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، 2019- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ئاساسلىقى پانۇس پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ھازىرغىچە، بۇ زاۋۇت 90 مىڭدىن ئارتۇق تىۋىتلىق پانۇس ئىشلەپچىقىرىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئەتراپتىكى بازارلارغا ساتقان.

   پانۇس سۈپىتىنى تەكشۈرۈش

  بۇ زاۋۇتنىڭ مەسئۇلى ليۇ لىنزى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ خام ئەشيالىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوردا پانۇسى يۇرتى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ گاۋچېڭ شەھىرىدىن كىرگۈزىمىز، ئەڭ ياخشى ماتېرىيال سۈپىتى ۋە ھۈنەر -سەنئىتى ئارقىلىق، شۇ جاي ۋە ئەتراپتىكى بازارلارنى موللاشتۇرۇپ، ئاۋات بايرام كەيپىياتى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارتا بېجىرىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ