1-ئاينىڭ 19-كۈنى، 20 ياشلىق لۇ شياۋجيې (ئوڭدا) چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا قىز دوستىنى قارشى ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان بىر دەستە گۈلنى سوۋغا قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: «چىقىش ئېغىزىدا كۆرۈشەيلى!» ئاددى، ئەمما ئۈمىدلىك بۇ سۆز، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارنى كۈتۈۋالىدىغان كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان سۆز، شۇنداقلا يولۇچىلارغا سوۋغا قىلىنغان ئەڭ ئىللىق بەخت تىلىگى. سەپەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ھاياجان، سەپەرنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىكى ئارزۇ-ئۈمىدلىك تەلپۈنۈش، چىقىش ئېغىزىدىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ھېكايىلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى
1-ئاينىڭ 19-كۈنى، 27 ياشلىق ۋېن يې چېڭدۇدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ چۇڭچىڭغا قايتىپ كېلىپ، چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا توققۇز ئايلىق قىزى بىلەن كۆرۈشمەكتە.
1-ئاينىڭ 19-كۈنى، خېنەن جوۋكوۋدىن كەلگەن لۇ پېيشيەن (ئوڭدىن 2-كىشى)، ليۇ باۋخۇا (سولدىن 1-كىشى) ئەر-خوتۇن چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئۆزلىرىنى ئالغىلى كەلگەن قىزى ۋە كۈيئوغلى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
1-ئاينىڭ 19-كۈنى، 20 ياشلىق ياڭ چيەن (سولدىن 3-كىشى) چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋالماقتا.
1-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىر جۈپ ئانا-بالا چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئەمدىلا بېكەتكە كەلگەن تۇغقانلىرىغا قول پۇلاڭلىتىپ سالام قىلماقتا.