شەھەر ئاھالىلىرى چاغانلىق مال سېتىۋالماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭگۇاڭسەن تېغىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 13-نۆۋەتلىك چاغانلىق مال يەرمەنكىسىدە چاغانلىق مال سېتىۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك چاغانلىق مال يەرمەنكىسى 32 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شاڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى 500دىن ئارتۇق كارخانىنى جەلپ قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەت ۋە رايوندىكى 100گە يېقىن كارخانا كۆرگەزمىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، كۆرگەزمە 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 10 مىڭ خىلدىن ئارتۇق چاغانلىق مال ئاممىنىڭ «بىر جاي»دىلا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.
چاغانلىق مال يەرمەنكىسىنىڭ سوغۇق ساقلاش رايونىدا، شەھەر ئاھالىلىرى لىق مال كۆتۈرۈپ قايتماقتا.
شەھەر ئاھالىلىرى قاپاق بىلەن ياسالغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
بىر شەھەر ئاھالىسى بالىسىغا شار سېتىۋالماقتا.
شەھەر ئاھالىلىرى ماڭگو سېتىۋالماقتا.
شەھەر ئاھالىلىرى چاغانلىق مال كۆرگەزمە ئورنىدىن پانۇس ۋە چۈنليەن سېتىۋالماقتا.
شەھەر ئاھالىسى روسىيە قەنت-گېزەك رايونىدىن قەنت-گېزەك سېتىۋالماقتا.
شەھەر ئاھالىلىرى مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، چاغانلىق مال يەرمەنكىسىدە سېتىۋالماقچى بولغان چاغانلىق ماللارنى ئىزدىمەكتە.
شەھەر ئاھالىلىرى سوغۇق ساقلاش رايونىدىن قېزا سېتىۋالماقتا.