تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت خې يۈتىڭ خەۋىرى) بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، بەزىدە تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11- بولىدىكەن، 3 بال شامال چىقىدىكەن. مۆلچەرلىنىشچە، 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولۇپ، بەزىدە تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.
بۈگۈن G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرچىنغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ چۆچەكتىن دۆربىلجىنگىچە بولغان بۆلىكى ئازراق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار ياغىدىكەن.