شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» − 2020 چاغانلىق مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا قالتىس ئۆتكۈزۈلدى.
مۇزىكا كېچىلىكى قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى، مېلودىيەسى شوخ بولغان «چاغان مۇقەددىمە كۈيى»دە شادىمان، خۇشاللىققا تولغان بايرام كەيپىياتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. سىمفونىيەلىك لەرزان مۇزىكا «شياڭ يۈنىڭ ئامراق توقىلى بىلەن ۋىدالىشىشى»نى ئوركېستىر بىلەن جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاش سەنئەتكارى جاۋ لەن سەھنىدە بىللە ئورۇنلىدى، بۇ مۇزىكا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى، جىڭجۈ تىياتىرى ئاھاڭى غەربنىڭ سىمفونىيە تەپەككۇرىغا سىڭدۈرۈلگەن كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنغان. پىيانىنو چالغۇچى تەن شياۋتاڭ دۇنياۋى داڭلىق مۇزىكا − چايكوۋىسكىنىڭ «بىرىنچى پىيانىنو تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا»سىنى، پىيانىنو تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا «خۇاڭخې دەرياسى»نى ئورۇنلىدى، داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى مو خۇالۈن پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن «بۈگۈن كېچە ھېچكىم ئۇخلىمايدۇ» «مېنىڭ قۇياشىم» «داۋانچىڭ قىزى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىدى. مۇزىكا كېچىلىكىگە كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، شاد - خۇراملىققا تولغان مۇزىكىلاردىن «كۆك دوناي دەرياسى ۋالىسى» «رادىسكىي مارشى» قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق مۇزىكىلار كىرىشتۈرۈلۈپ ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارغا زاماندىن ھالقىغان، تۇيغۇدىن ھالقىغان كاتتا مەرىكىنى ھېس قىلدۇردى. «ئورۇنلانغانلىرىنىڭ ھەممىسى كىلاسسىك مۇزىكىلار بولۇپ، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، بۇ ھەقىقەتەن بىر مەيدان مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى بولدى» دېدى تاماشىبىن گو سەن مۇزىكا كېچىلىكىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ.
شىنجاڭ كۈي سۆيەر ئوركېستىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مۇزىكا كېچىلىكى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن غەربنىڭ كىلاسسىك سەنئىتىنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، تاماشىبىنلارنى يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن، ئىللىقلىققا، بەختكە تولغان ھالەتتە چاغان شادلىقىغا چۆمدۈرىدىكەن.
مۇزىكا كېچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. چاغاننىڭ ئالدى - كەينىدە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى، دىراما ئۆمىكى، سېرىك ئۆمىكى، نەيلىك - تارلىق ئوركېستىرى، مىللىي ئوركېستىر ھەر مىللەت ئاممىغا ئون مەيدان قېتىم ئېسىل نومۇرلارنى تەقدىم قىلىدۇ، بۇ، مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، دىراما «بېييۈەنچۈن مەھەللىسىدىكى ھەممىمىز»، سېرىك كېچىلىكى «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى بىز» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.