1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر بۇرچىن ناھىيەسى چوڭقۇر ۋۇسۇڭ كىچىك بازىرىدا قورچاق ئادەملەر بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا تورى مۇخبىرى لى مېڭتىڭ فوتوسى.
شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى مېڭتىڭ خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ بۇرچىن ناھىيەسىدە 4-نۆۋەتلىك قىروۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك قىروۋ بايرىمىدا «يىگېنيىن . تۈمەن چاقىرىملىق مەنزىرە . چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر . كېچە بولماس ماكان» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىق شادىمان يۈگۈرۈش، چاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائام ۋە چاغانلىق ماللار بازىرى، قار رايونى ئۆرپ-ئادەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىروۋ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.