تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ بو خەۋىرى، فوتوسى) 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «بەختيار شىخۇ، جۇڭگو يىلى» ھەربىي، ساقچى، ئەسكەر، خەلق چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى شىخۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شەھەردىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار قاتارلىق 2000دىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە ئويۇن كۆرۈپ، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى.