بەسەي، ماڭگو، شىياڭجياۋ قاتارلىق مېۋە-كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ پوستىدا قارا چېكىت ياكى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قارا داغلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار قانداق شەكىللەنگەن؟ يېگەندىن كېيىن سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: مېۋە-چىۋە، كۆكتاتتىكى قارا چېكىتلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتنىڭ ئۆزىدە يۈز بەرگەن فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش، بۇنداق ئەھۋالدىكىسى ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ ئىككىنچىسى، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلار مىكرو ئورگانىزملار تەرىپىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قارا چېكىتلەر ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بەسەي. بەزى بەسەي قارىماققا ناھايىتى يېڭى كۆرۈنىدۇ، لېكىن ھەر بىر يوپۇرماقنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىچىك قارا چېكىت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق بەسەينى يەنە يېگىلى بولامدۇ ؟ بۇ خىل قارا چېكىت ئادەمنىڭ يۈزىگە چىققان سەپكۈنگە ئوخشايدۇ، ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ ھەم سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بىراق، ئەگەر بەسەي سېسىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ چوڭ قارا داغ پەيدا بولسا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
شياڭجياۋ. شياڭجياۋدا قارا چېكىت پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ پىشىش دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ چاغدىكى شياڭجياۋ ئەڭ يېيىشلىك بولىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، شياڭجياۋنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
خۇاسەي. زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان قارا رەڭلىك پاختىلىشىش دېغى ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىشلەتكەندە ئېلىۋېتىش كېرەك. ئەگەر قارا داغ كۆلىمى بەك چوڭ بولسا، ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
خوڭشۇ. خوڭشۇنىڭ ئىچىكى قىسمىدا يۇمشاپ كەتكەن قارا داغ پەيدا بولغاندا، ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. خوڭشۇ پوستىدىلا بىر خىل قارا داغ بار بولسا، بۇ خوڭشۇنىڭ ئۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، زەھەر ھاسىل قىلمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا نورمال ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ماڭگو. شياڭجياۋغا ئوخشاش ماڭگودىكى كىچىك قارا چېكىتلەرمۇ ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، قارا چېكىتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئادەتتە زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ، لېكىن بۇ چېكىتلەر ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، شۇڭا يېسە بولىدۇ. خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.