تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چېن شۆ خەۋىرى، سۈرەتنى مەكتەپ تەمىنلىگەن): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار-مۇزدىن بەھرىمەن بولۇش» قىشلىق تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى.
مۇسابىقە باشلانغان كۈنى سائەت 10 دە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 400 مېتىرلىق مۇز يولىدا تەنھەرىكەتچىلەر جۇشقۇن كەيپىياتتا يولغا چىقىشقا تەيتارلاندى. بۇيرۇق بېرىلگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ، تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى باشلاندى. قەھرىتان قىش بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقى قىلچىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى. 2-، 3-يىللىقتىكى كىچىك ماھىرلار گەرچە ماھارەتكە پىششىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئازراقمۇ بوش كەلمىدى؛ يۇقىرى يىللىقتىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىلىشىدىغان تۈرى 800 مېتىرغا تېز تېيىلىش بولۇپ، ئۇلار مۇسابىقە يولىدا سوغۇققا قارىماي، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.
مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىرى تەنھەرىكەتچىلەرگە مۇكاپات لوڭقىسى ۋە مېدال تارقىتىپ بەردى، تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى دۇ شىنشيا مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىز قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئالاھىدە مەكتىپى بولۇپ باھالاندى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپادىن قورقماي، قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئىدارىسىنى يېتىلدۈرۈپ، قىش پەسلىدە مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھارىتىنى دەسلەپكە قەدەمدە ئىگىلىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان.»
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىخۇ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپ قار-مۇز تەنھەرىكەت ئالاھىدە مەكتىپى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇز تېيىلىش مەيدانى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ ھەمدە ھەقسىز مۇز تېيىلىش ئايىغى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىمۇ يېقىن ئەتراپتا مۇز تېيىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.