تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، «چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش . قار-مۇز بازىرى چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» رەسمىي باشلاندى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت 8 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، پائالىيەت ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قار-مۇز ئۆزگىچە بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى فۇ لىنا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قار-مۇز بازىرى چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا تاۋار سېتىش رايونى تەسىس قىلىندى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىك قاتارلىق چاغانلىق كۆرگەزمە تۈرلىرى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەدەنىيەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىدۇ ۋە تەسىراتلار بىرلەشتۈرۈلىدۇ، تىجارەتچىلەر 100 خىلدىن ئارتۇق چاغانلىق ماللارنى ئېلىپ «ئويۇن قويۇپ»، ساياھەتچىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش خۇشاللىقىنى ئاشۇرىدۇ.
شۇ چاغدا، پائالىيەت نەق مەيدانىدا چاغانلىق ماللارنى سىكۇنت ئىچىدە ئەرزان باھادا تالىشىپ سېتىۋېلىش، سوۋغات سوۋغا قىلىش، ھەقسىز چۈنليەن سوۋغا قىلىش، مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋاب بەخت خالتىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەر بولۇپلا قالماي، يەنە «2020-يىللىق» قار-مۇز شاد-خۇراملىق ئىچىدە مال سېتىۋېلىش، چاغانلىق رەڭلىك يۈگۈرۈش، قار-مۇز ئۇچرىشىشى بويىچە ئاتا-بالىلار نىشانلىق مۇسابىقىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بىرلەشكەن يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرمۇ بار. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ يەنە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارغا نەنسەن ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ بېلىتى، قار تېيىلىش بېلىتى، ئارىشاڭ سىناق بېلىتى قاتارلىقلارنى تەييارلىدى.
بۇ يىل مۇقىم پايدىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى ۋە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تايىنىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى داۋاملىق مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتۈن يىللىق ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋالغان ئادەم سانى 18 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلىدۇ.