چىلان ئالقات چېيى
ماتېرىيال: چىلان 20 گىرام، ئالقات 10 گىرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. چىلاننى پاكىز يۇيۇش. 2. سۇ قاينىتىپ، ئاندىن چىلان، ئالقات سېلىپ، تەخمىنەن بەش مىنۇت قاينىتىمىز. 3. ناۋات سېلىپ، ئېرىگىچە قاينىتىمىز.
رولى: تالنى قۇۋۋەتلەپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنى ياخشىلايدۇ.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر: تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن، بەل، تىزى سىرقىراپ ئاغرىيدىغان، بېشى قېيىپ، قۇلىقى غوڭۇلدايدىغان، قان ئازلىقتىن بېشى ئاغرىيدىغان، بېشى قايىدىغان، قەۋزىيەت بولغانلار.
ئالقات، چىلاننى سۇغا چىلاپ ئىچسە، مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، تېنى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت ئىچكەندە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ:
ئالقاتنىڭ ئىسسىتىش ئۈنۈمى كۈچلۈك بولۇپ، زۇكام بولۇپ، قىزىپ قالغان، بەدىنى ياللۇغلانغان، ئىچى سۈرۈپ قالغان كىشىلەر ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ئالقاتنىڭ ئۈچەينى روھلاندۇرۇش رولى بار، سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر ئىستېمال قىلسا ئىچ سۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.