نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەت ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كەچلىك تاماقنى دائىم يېرىم كېچىدە يەيدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېگەندە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، يېمەكلىك ياخشى ھەزىم بولالماي، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ، ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەدەننىڭ كالتسىي چىقىرىش ۋاقتى تاماقتىن كېيىنكى تۆت سائەتتىن بەش سائەتكىچە بولۇپ، ئەگەر بەك كەچ تاماق يەپ ئۇخلىغاندا، بەدەندىكى سۈيدۈكنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىكەن ۋە بەدەندىكى كالتسىي ماددىلىرىمۇ سۈيدۈك بىلەن ۋاقتىدا چىقمايدىكەن، بۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا تاش چۈشۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. خەلق تورىدىن ئېلىندى.