تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. «پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىش» «ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇش» «كۈچلۈك ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھېسسىياتى بىلەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش»... ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلماي تۇرۇپ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، روھنى ئۇرغۇتماي تۇرۇپ يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبىگە مەھكەم پۈكۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە چوڭقۇر خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھېسسىياتى بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئەسلىي مەقسەتنىڭ سۈپىتى ۋە يېڭىلىقى تەبىئىي ساقلانمايدۇ، سەللا دىققەت قىلىنمىسا چاڭ - توزان بېسىپ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىشى، ئۇزاققىچە ئوزۇقلاندۇرۇلمىسا قۇرۇپ، سولىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىردەملىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى بوشاشتۇرماي يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى بوشاشماي كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبنىڭ ئەڭ تۆرىگە قويۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم تۈزۈش بىلەن تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەربىيە نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، جۈرئەتلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇرسەت قىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

ئەسلىي مەقسەتنى روھقا سىڭدۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقاندا، جەزمەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ