تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى «ھالاكەت گۇرۇپپىسى»غا بۆلۈنۈپ قالدى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2020-يىللىق دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە بىۋاسىتە ئېرىشەلمىگەنلەر مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، كورېيە، تۈركىيە، دومىنىكا، ئارگېنتىنا ۋە كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، 2020-يىللىق دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 12 كوماندىنىڭ ھەممىسى مۇقىملاشتى، چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان جۇڭگو كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسى، ئىتالىيە كوماندىسى، رۇسىيە كوماندىسى، تۈركىيە كوماندىسى ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن B گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلار ئىنتايىن كۈچلۈك كوماندىلار بولۇپ، «ھالاكەت گۇرۇپپىسى» بولۇپ قالدى.

ئالدىنقى ھەپتىدە، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە بىۋاسىتە ئېرىشەلمىگەنلەر مۇسابىقىسى باشلانغان بولۇپ، ھەربىر قىتئەدىن پەقەت بىرلا كوماندا تاللىنىپ چىقالايدۇ. ئاسىيا قىتئەسى مۇسابىقە رايونىدا كورېيە كوماندىسى 0گە قارشى 3 نەتىجىدە تايلاند كوماندىسىنى يەڭدى، ياۋروپا قىتئەسى مۇسابىقە رايونىدىن تۈركىيە كوماندىسى 0گە قارشى 3 نەتىجىدە گېرمانىيە كوماندىسىنى يەڭدى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى مۇسابىقە رايونىدىن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئاسانلا تاللىنىپ چىقتى، ئافرىقا قىتئەسى مۇسابىقە رايونىدىن كېنىيە كوماندىسى تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ئوتتۇرا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى مۇسابىقە رايونىدىن دومىنىكا كوماندىسى تاللىنىپ چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 12 كوماندىنىڭ ھەممىسى مۇقىملاشتى، بۇ 12 كوماندا: چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان جۇڭگو كوماندىسى، ئامېرىكا كوماندىسى، بىرازىلىيە كوماندىسى، سېربىيە كوماندىسى، رۇسىيە كوماندىسى، ئىتالىيە كوماندىسى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە بىۋاسىتە ئېرىشەلمىگەنلەر مۇسابىقىسىدىن تاللىنىپ چىققان كوماندىلار: تۈركىيە كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، دومىنىكا كوماندىسى، ئارگېنتىنا كوماندىسى، كېنىيە كوماندىسى ۋە ساھىبخان كوماندا ياپونىيە كوماندىسى.

ياپونىيە كوماندىسى، سېربىيە كوماندىسى، بىرازىلىيە كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، دومىنىكا كوماندىسى ۋە كېنىيە كوماندىسى A گۇرۇپپىغا بۆلۈندى؛ جۇڭگو كوماندىسى 2-ئۇرۇق كوماندا سۈپىتىدە B گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، گۇرۇپپىدا يەنە ئامېرىكا كوماندىسى، رۇسىيە كوماندىسى، ئىتالىيە كوماندىسى، تۈركىيە كوماندىسى ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسى بار، بۇ گۇرۇپپىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى سەل ئاجىز، قالغان كوماندىلارنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ.

دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئالتە كوماندا ئالدى بىلەن يەككە ئايلانما شەكلىدە مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى تۆت كوماندا شاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ، A1 بىلەن B4 مۇسابىقىلىشىدۇ، A4 بىلەن B1 مۇسابىقىلىشىدۇ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2-، 3-بولغان كوماندىلار چەك تارتىش ئارقىلىق مۇسابىقىلىشىدىغان رىقابەتچىلىرىنى تاللايدۇ، ئوخشاش گۇرۇپپىدىكى كوماندىلار شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇچراشمايدۇ.

2020-يىللىق دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىغا بۆلىنىش ئەھۋالى:

A گۇرۇپپا: ياپونىيە كوماندىسى، سېربىيە كوماندىسى، بىرازىلىيە كوماندىسى، دومىنىكا كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، كېنىيە كوماندىسى

B گۇرۇپپا: جۇڭگو كوماندىسى، ئامېرىكا كوماندىسى، رۇسىيە كوماندىسى، ئىتالىيە كوماندىسى، تۈركىيە كوماندىسى، ئارگېنتىنا كوماندىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ