تىيانشان تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى بازىرى گۈزەلباغ كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى باھالاش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «ئىللىق قىش كۈنى» مېھر-شەپقەت مامۇق چاپىنى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىئانە قىلىنغان مامۇق چاپاننى بوسىدېڭ گورۇھى، جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، بىڭتۇەن خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قاتارلىق مېھر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى، ئورگانلار تەمىنلىگەن بولۇپ، جەمئىي 100 مامۇق چاپان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىگە ئىئانە قىلىندى.
ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، كەنت ئاھالىلىرى يېپيېڭى كىيىملەرنى قولىغا ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى ھەم مېھر-شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەرگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى. بىڭتۇەن خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇلەن شۇچۇەن مۇنداق دېدى: «بىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدۇق».
(ماقالىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى باھالاش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن چېن پېڭشياڭ تەمىنلىگەن)