تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى شياڭچۈن: ھاياتى بىلەن سەلتەنەتلىك ھاياتنىڭ زەپەر مارشىنى پۈتۈش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېي شىشيۇڭ

لى شياڭچۈننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

لى شياڭچۈن خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرى چيۇڭشەن رايونىدىن، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن بېيىغان ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1996 - يىلى 12 - ئايدا، ئۇ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى مەلۇم جىتۈەنجۈن«تاشەن مۇداپىئە قەھرىمان تۇەنى» 9 - ليەنى (ھازىرقى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 75 - جىتۈەنجۈن مەلۇم لۈيى 1 - يىڭ 2 - ليەن)گە كىرگەن. 1998 - يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ئۇ يېنىك يارىلانغان بولسىمۇ ئالدىنقى سەپتىن ئايرىلماي، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىغىچە كۈرەش قىلىپ، 20 ياشلىق ھاياتى بىلەن يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق قەسىدىسىنى پۈتكەن.

ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، لى شياڭچۈن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خوجايىنلىق قىياپىتى بىلەن ئوتتەك قىزغىن ليەندۈي تۇرمۇشىغا پائال ئاتلانغان −

مەشىق جەريانىدا، ئۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ مەشىق ماھىرىغا ئايلانغان؛

تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلىقنى تالىشىپ، «پاراۋۇز» بولغان؛

ئۆگىنىشتە، ئۇ ئىشتىياق بىلەن دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭغان.

ناھايىتى تېزلا، لى شياڭچۈن بىر يەرلىك ياشتىن لاياقەتلىك ئەسكەر بولۇش، ئارقىدىنلا مۇنەۋۋەر ئەسكەر بولۇشتەك ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1997 - يىلى ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇەن، يىڭ، ليەن تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن، يىل ئاخىرىدا «مۇنەۋۋەر ئەسكەر» بولۇپ باھالانغان. 1998 - يىلى 4 - ئايدا، ئۇ ئوپتىكىلىك كابېل ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپ، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

لى شياڭچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن مەنىۋى بايلىققا ئىنتىلگەن. ئۇ دائىم: «خەلققە ھەقىقىي رىشتە باغلاش، جەمئىيەتكە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم» دەيتتى.

لى شياڭچۈن قەيەرگە بارسا، ياخشى ئىشنى شۇ يەرگىچە قىلغان. دالىدا تۇرۇپ مەشىق قىلغان چاغدىكى بىكار ۋاقىتلاردا، ئۇ يۇرتداشلىرىغا ياردەملىشىپ شال ئورۇشۇپ بەرگەن، بەيگو مېۋىسى ئۈزۈشۈپ بەرگەن، دەرەخ ئورىكى كولىشىپ بەرگەن؛ ھەربىي مانېۋىر ئارىلىقىدا، ئۇ مېيىپ، پېشقەدەم ھەربىيلەرگە ياردەملىشىپ سۇ توشۇپ بەرگەن، ئوتۇن يېرىپ بەرگەن، كىر يۇيۇپ بەرگەن، تاماق ئېتىپ بەرگەن، كونا ئۆيلەرنى ئاقارتىپ بەرگەن؛ ئوپتىكىلىك كابېل قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالماي ئوقۇشتىن چېكىنمەكچى بولغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياڭ لى ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن...

1998 - يىلى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزغان 17 كۈن لى شياڭچۈننىڭ ياشلىق ھاياتىدىكى ئەڭ شانلىق، پارلاق كۈن −

8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، لى شياڭچۈن قىسىم بىلەن بىللە جىڭجوۋغا بېرىپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان؛

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ليەندۈي بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېتىپ بارغاندا، لى شياڭچۈن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنغان ھەم پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان؛

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جىڭجوۋ تەيپىڭكوۋ بەخت توسمىسىدا نەيچە بۇلاق پەيدا بولۇپ، دەريا يۈزىدە ئەگرى - بۈگرى تېز ئېقىن شەكىللىنىپ، قاينام ئۈزۈلمىگەن. لى شياڭچۈن سۇغا جىددىي سەكرەپ چۈشۈپ، كاۋاكنى تەكشۈرگەن. سۇ ئاستىغا چۆككەندە، سول پۇتىنى توسما قاپقىسى تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يېرىۋەتكەن، قان توختىماي ئاققان، ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، سۇ ئاققان ئورۇننى توغرا تېپىپ، توسمىغا چىققاندىن كېيىن يەنە نەيچە بۇلاقنى ئېتىش جېڭىگە ئاتلانغان؛

8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇدا 14 سائەت كۈرەش قىلغان لى شياڭچۈننىڭ بېشى قېيىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن، ئۇ چۈشتىن كېيىنگىچە بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىر ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلغان، تېمپېراتۇرىسى 40سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن؛

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 14 ئەتراپىدا، گۇڭئەن ناھىيەسى نەنپىڭ بازىرى تيەنشىڭ توسمىسىدا نەيچە بۇلاق بايقالغان، ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇۋاتقان لى شياڭچۈن جىددىي يىغىلىش پۇشتىكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يىڭنىنى تارتىۋېتىپ، توسمىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇم خالتىسىنى كۆتۈرۈپلا يۈگۈرگەن. لېكىن، نەچچە ئون قۇم خالتىسىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە، چىرايى كۆكىرىپ، يەنە بىر قېتىم توسمىدا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلغان؛

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 8 ئەتراپىدا، نەنپىڭ بازىرىنىڭ جۇڭدوۋ بۆلىكىدە ئىچكى سىيرىلىش يۈزبەرگەن. جىددىي يىغىلىش پۇشتىكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، لى شياڭچۈن يەنە كېسەل كارىۋىتىدىن ئۆمىلەپ قوپۇپ، جىداۋيۈەننىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش قوشۇنىغا داۋاملىق قوشۇلغان. سائەت 10 ئەتراپىدا، لى شياڭچۈن يەنە ھوشىدىن كەتكەن، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى سالقىن جايغا يۆلەپ ئاپارغان. ھوشىغا كەلگەن لى شياڭچۈن داۋاملىق قەتئىي كۈرەش قىلغان. 20 نەچچە قۇم خالتىسىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنتايىن ھالسىزلىنىپ چارچاپ كەتكەنلىكتىن توسمىدا يىقىلىپ چۈشۈپ، قان قۇسۇپ ھوشىدىن كەتكەن.

ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، لى شياڭچۈن ئاجىز ئاۋازدا جىداۋيۈەن ۋاڭ جەنفېيغا مۇنداق دېگەن: «كەچتە يەنە ۋەزىپە بارمۇ؟ چوقۇم مېنى بارغىلى قويۇڭ...»

لى شياڭچۈن قۇربان بولغاندىن كېيىن، سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى ئۇنىڭغا «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەزىمەت» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن ھەم ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان بەنگە «لى شياڭچۈن بەنى»، ئۇ تۇرۇشلۇق ليەنگە «لى شياڭچۈن ليەنى» دەپ نام بەرگەن. 1999 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت لى شياڭچۈنگە «يېڭى مەزگىلدىكى قەھرىمان جەڭچى» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن.

2000 - يىلى 3 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، سابىق باش سىياسىي بۇ لى شياڭچۈننىڭ رەسىمىنى بىرتۇتاش ئىشلەپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ ليەندىن يۇقىرى ئورۇنلاردا ئېسىشى، چاپلىشى ئۈچۈن بېسىپ تارقاتقان.

2018 - يىلى 9 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى جاڭ سىدې، دۇڭ سۇنرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭ، چيۇ شاۋيۈن، لېي فېڭ، سۇنىڭ، لى شياڭچۈن، ياڭ يېگۇڭ، لىن جۈندې، جاڭ چاۋدىن ئىبارەت ئون نەپەر قەھرىمان نەمۇنىچىنىڭ رەسىمىنى بىرتۇتاش باستۇرغان ھەم پۈتۈن ئارمىيەدىكى ليەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارغا تارقاتقان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ