تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ياشانغانلار ساغلام غىزالانمىسا، كۆز كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن

  يېقىندا، ئامېرىكا نيويورك شىتاتلىق داشۆسى بۇففالو شۆبە مەكتىپى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ مىقداردىكى قىزىل گۆش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكىلەر، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ئىنچىكە ئىشلەنگەن دانلىق زىرائەت ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ياشانغانلارنىڭ سېرىق داغ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى ياشانغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

  سېرىق داغلىق ئۆزگىرىش ساقايتقىلى بولمايدىغان بىر خىل كۆز كېسەللىكى بولۇپ، كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ قېرىلىق مەزگىلىدىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. تەتقىقاتچىلار 300گە يېقىن ياشانغان كىشىنى 18 يىل زىيارەت قىلىش ئارقىلىق سېرىق داغ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرگەن ھەمدە 66 خىل ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتنى بىرلەشتۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپتە كۆزىدە ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان ياشانغانلار ئۇزۇن مەزگىل ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەكنى ئېستىمال قىلغاندىن كېيىن، سېرىق داغ كېسىلىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان.

  تەتقىقاتچىلار ساغلام يېمەك-ئىچمەكنىڭ ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دەسلەپكى باسقۇچتىكى سېرىق داغ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار يۇقىرىقىدەك ناچار يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.                        خەلق تورىدىن ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ