تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ لۇبىن، لۇ گاڭ خەۋىرى، فوتوسى): بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا، باش تېمىسى روشەن، شەكلى جانلىق قاتار-قاتار مۇز ئويمىلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجادىيلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، كۆلىمى زور مۇز ئويما تۈرلىرى ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
1-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ باغراش ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىنىڭ قار-مۇز بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى، غەربىي رايون ساياھىتى مەدەنىيىتى قاتارلىق ئامىللارنى چۆرىدەپ، 100 نەپەر ئويمىچى ئۇستامنىڭ كۆڭۈل قويۇشى بىلەن 50كە يېقىن چوڭ تىپتىكى قار-مۇز ئويمىسى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى باغراش ناھىيەسى 12-نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەييارلاندى.
ئۇنىڭدىن باشقا، قارمۇ-مۇز چۆچەكلەر دۇنياسى ئاساسى تېما رايونى تەسىس قىلىنىپ، بالىلارنىڭ نەزەرى ئارقىلىق قا-مۇزدا ئويۇپ ياسالغان نېجا، سۈن ۋۇكۇڭ قاتارلىق شەكىللەردە ئەڭ مودا، بالىلارغا يېقىن، بالىلىق ئەسلىمىسى باي مەزمۇنلار نامايان قىلىندى.
چېڭدۇلۇق ساياھەتچى فېڭ جىفەن مۇنداق دېدى: «باغراش كۆلىگە كېلىپ ھەقىقەتەن توغرا قىپتىمەن، گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن، سىچۇەنگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، بىز نۇرغۇن سۈرەتكە تارتتۇق، دوستلىرىم ھەۋەس قىلىپ، بالىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەرسىلا ئوينىغىلى بارىمىز دېيىشتى».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىدا «شىخەي قار-مۇز بايرىمى. باغراشتا قىشتا بېلىق تۇتۇش» باش تېما قىلىنىپ، «قار-مۇز + تەنتەربىيە »، «قار - مۇز + مىللىي ئۆرپ-ئادەت»، «قار-مۇز + مەدەنىيەت» قاتارلىق چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان قىشلىق ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يولغا قويۇلغان، بۇ پائالىيەت ئىككى ئاي داۋاملىشىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قار-مۇز تۇيغۇسى، مۇز سېھرىي، مەززىلىك تائام، ئۆزگىچە كۈي قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە كاتتا زىياپەت ھازىرلىنىپ، قىش پەسلىدىكى مودا، تەسىرلىك، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، رومانتىك كاتتا قار-مۇز دۇنياسى نامايان قىلىنىدىكەن.