2020 ـ يىلى 1ـ ئاينىڭ 12ـ كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ 12ـ نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمى باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چۆ . خورە خەۋىرى، فوتوسى) 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاممىۋى قار-مۇز پەسلى ۋە شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ 12- نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا باشلاندى، ھەر خىل چوڭ تىپتىكى قار-مۇز ئويما، ھەيكەللەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىدا «شىخەي قار - مۇز بايرىمى . باغراش كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش» باش تېما قىلىنىپ، «قار - مۇز + تەنتەربىيە»، «قار-مۇز + مىللىي ئۆرپ-ئادەت» ، «قار-مۇز + مەدەنىيەت» قاتارلىقلار چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان قىشلىق خاس ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، پائالىيەت ئىككى ئاي داۋاملىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى يىل، چاغان، يۈەنشياۋ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملار بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قارغا باغلانغان مۇھەببەت، مۇز سېھرىي كۈچى، مەززىلىك تائاملار، ناخشا ساداسى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە كاتتا زىياپەتلەرنى تەييارلىغان بولۇپ، ئەڭ مودا، ئەڭ تەسىرلىك، ئەڭ ھاياجانلىق، ئەڭ رومانتىك بولغان قىشلىق شادلىق قار-مۇز زىياپىتى نامايەن بولىدىكەن.
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا قار ھەيكىلىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا، قۇياش قار ھەيكىلىنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈلمەكتە.
2020 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، بېلىقچىلار شىنجاڭ باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا بىرىنچى تور بېلىقنى تۇتتى.
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى بېلىقچىلار تۇتقان بېلىقىنى كۆرسەتمەكتە.