1-ئاينىڭ 10-كۈنى، يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، ئۈرۈمچى ئۆز قەرەلىدە يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. ئاۋات ئادەملەر ئېقىمى كىشىلەرگە قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلدۇردى. تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەردە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە خاتىرىلەنگەن ئىللىق مەنزىرىلەر ئەكس ئەتكەن.
ئىگىلىنىشچە، 2020-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە 40 كۈن داۋاملىشىدىكەن، مەملىكەت بويىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليارد ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىدىكەن ھەم سەل ئاشىدىكەن.
2020-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا، شىنجاڭ تۆمۈر يولى يولۇچىلار پويىزىدىن 143نى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ راۋان سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۇي خەۋىرى، فوتوسى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى