تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى يۈكۇن: ئوق تەگكەن شۇ دەقىقىدە، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەپكىنى بېسىپ قارا نىيەتنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جېڭ، لياڭ شۇبىن) خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خېگاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە، ھەر يىلى ساقچىلىققا كىرىش مۇراسىمىدا، جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى جوۋ خۇيجۈن يېڭى سەپداشلىرىغا ئىنقىلابىي قۇربان لى يۈكۇننىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىگىچە قارا نىيەتنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بۇرچىنى ئۇنتۇماسلىق توغرىسىدىكى ھەقىقىي ھېكايە.

لى يۈكۇن، 1961 - يىلى تۇغۇلغان، ئەسلىي يۇرتى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنبىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1981 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خېگاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە 17 يىل جىنايى ئىشلار ساقچى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1998 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، چاغاننىڭ 4 - كۈنى، لى يۈكۇن سەپداشلىرى بىلەن پىستىرما قۇرۇپ قوراللىق تۈرمىدىن قاچقان جىنايەتچىنى تۇتماقچى بولۇۋاتقاندا، ئەمدىلا توختىغان بىر تاكسىدا جىنايەتچى ئۇنسۇرنى بايقىغان. لى يۈكۇن سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتنى ئېلىپ بىرىنچى بولۇپ قارا نىيەتكە ئېتىلىپ بېرىپ: «قىمىرلىما، مەن ساقچى!» دەپ ۋارقىرىغان، ئويلىمىغان يەردىن، ئۇچىغا چىققان ياۋۇز قارا نىيەت تۇيۇقسىز بىر ھەربىي تاپانچىنى ئېلىپ ئوق چىقىرىپ قولغا ئېلىشقا قارشىلىق قىلغان، لى يۈكۇن بەختكە قارشى ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغان. يەرگە يىقىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، لى يۈكۇن يەنىلا ناھايىتى قەيسەرلىك بىلەن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تەپكىنى بېسىپ، قارا نىيەتنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

يىقىلغان لى يۈكۇن قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى، قۇربان بولغاندا ئۇ ئەمدىلا 37 ياشتا ئىدى.

لى يۈكۇن ساقچى بولغان 17 يىلدا، باشتىن - ئاخىر جىنايى ئىشلار رازۋېدكا بىرىنچى سېپىدىن ئايرىلمىدى. ئۇچىغا چىققان ياۋۇز قارا نىيەتلەر ئالدىدا، ئۇ دائىم بىرىنچى بولۇپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى بويسۇندۇراتتى. 1993 - يىلى 4 - ئايدا، لى يۈكۇن سەپداشلىرى بىلەن بىللە بىر توپ جىنايەت گۇماندارىنى تۇتماقچى بولغاندا، قارا نىيەتلەر بەش ئاتار ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئوق چىقىرىپ قولغا ئېلىشقا قارشىلىق قىلغان، لى يۈكۇننىڭ سول مۈرىسىگە ئوق تەگكەن. ئوق تەگكەندىن كېيىن لى يۈكۇن قاتتىق ئاغرىققا چىداپ ئوق چىقىرىپ، ئاخىرىدا ئۈچ قارا نىيەتنى ئېتىپ يارىلاندۇرغان ھەم بەش جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئۇ قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرىكى 1996 - ، 1997 - يىللىرىدىلا، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 145 نى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىدىن 81 نى قولغا چۈشۈرگەن، تۈرلۈك قورالدىن 37 نى ئولجا ئالغان، ئىككى قېتىم خېگاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

ساقچى بولغان 17 يىلدا، لى يۈكۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ كۆپ قالدۇرغىنى ئەپسۇسلىنىش بولدى. لى يۈكۇننىڭ بەختلىك، ئىناق ئائىلىسى بار بولۇپ، خوتۇنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمدەم بولۇپ ئۆتەتتى، يالغۇز قىزى شاشا چېچەن، ئوماق ئىدى. لى يۈكۇن قۇربان بولۇشتىن بۇرۇن، شاشانىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى توغۇلغان كۈنىنى دادىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئىدى. ھەر قېتىم تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا، قىزى دائىم تورتنى ئۈستەلگە قويۇپ دادىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتەتتى، لېكىن ھەر قېتىم قىزى ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، لى يۈكۇن ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى.

لى يۈكۇننىڭ قىزى لى شاشا دادىسىنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، 2009 - يىلى ساقچى فورمىسى كىيىپ، خېگاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىدە جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولدى. كۆپ يىلدىن بۇيان، لى شاشا ئىزچىل دادىسىنى ئۈلگە قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. 2018 - يىلى، ئۇ بارماق ئىزىنى سېلىشتۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، 30 نەچچە جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلىشنى يىپ ئۇچى تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر بارماق ئىزى سېلىشتۇرۇش خادىمى» بولۇپ باھالاندى.

21 يىلدىن بۇيان، ھەر يىلقى چىڭمىڭ ۋە چاغاندا، خېگاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرىنى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ئالدىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ھەم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھال سوراپ، بۇ ئارقىلىق خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىدۇ. «ئەينى چاغدا مېنىڭ ئىشقا چۈشكىنىمگە ئانچە ئۇزاق بولمىغانىدى، تېخى بىر نەچچە مىنۇت ئالدىدىلا بىللە پاراڭلاشقان، چاقچاقلاشقان سەپدىشىم، ئاكام تۇيۇقسىز كېتىپ قالدى.» جوۋ خۇيجۈننىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ساقچى بولغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولۇپ، لى يۈكۇن ئۇنىڭغا دېلونى قانداق بېجىرىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇنى باشلاپ بىللە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى. ھەر قېتىم ئەترەتكە يېڭى سەپداشلىرى كەلسە، ئۇ كۆپچىلىككە ئىنقىلابىي قۇربان لى يۈكۇننىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ روھى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد خېگاڭ جىنايى ئىشلار ساقچىلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ