تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولغاندىلا، ئاندىن سىياسىي جەھەتتە سەگەك بولغىلى بولىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتە قەتئىي بولغاندىلا، ئاندىن سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك». «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، «پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنى مۇھىم بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى.

ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ئالدى بىلەن ئىدىيە، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىلغارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى خەلققە بولغان ساپ مۇھەببەتتىن، ھەقىقەتكە بولغان قەتئىي ئىنتىلىشتىن كەلگەن بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ماركسىزمنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا تېخىمۇ ئاڭلىق بولغىلى بولىدۇ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتا ئاندىن تېخىمۇ قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم، بۇ بىر ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنى داۋاملىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ساپاسى، سىياسىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ياخشى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ئالغا باسقىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆگىنىشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن، يەنە مۇقەررەر ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئۆزى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئىدىيەسى يەنىلا ئۆتمۈشتە توختاپ قالسا، مەسىلىلەرگە شۇ ئىدىيە بىلەن قاراش، تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا يەنە كونا قاراشتا بولۇۋەرسە، كونا يولدا مېڭىۋەرسە، كونا ئۇسۇلنى قوللىنىۋەرسە، دەۋرگە يېتىشەلمەي، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىيەلمەيلا قالماي، يەنە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، خىزمەتكىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «ۋېي، جىن سۇلالىسىنى دېمەيلا قويايلى، خەن سۇلالىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان» خىيالىي دۇنيا كىشىلىرىدىن بولماسلىقى كېرەك! ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۆز - ئۆزىدىن قانائەتلىنىش، ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن جەزمەن مەڭگۈ ئۆزىدىن قانائەتلەنمەسلىك كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار «نەزەرىيە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك» «ئۆگىنىشنى ئىشىك بېزىكى قىلىۋېلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، «نەزەرىيە ئۆگىنىشى چوڭقۇر بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق، سىستېمىلىق بولماسلىق»«يۈزەكى ئۆگىنىپ بولدى قىلىش» «چوڭقۇر ئۆگىنىشكە ئىنتىلمەسلىك» قاتارلىق خاھىشلارنى قەتئىي يېڭىپ، «ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش ئايرىلىپ كېتىش» «ئۆگىنىشى پارچە - پۇرات، ئىختىيارىي بولۇش» قاتارلىق ھادىسىلەردىن قەتئىي ساقلىنىپ، «پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ھەممىسىدە ئىدىيەۋى تەربىيە باشلامچى قىلىنىپ، ئۆگىنىش چوڭقۇر بولماسلىق، ئىدىيەدە بىرلىككە كەلمەسلىك، ھەرىكەتتە يېتىشەلمەسلىك مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىندى، ھەم ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، ھەم مەركەزلىك كۈچەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشى، سىياسىيدا ئىتتىپاقلىشىشى، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە بىزنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مول ئەمەلىيىتىمىز بىلەن باغلاپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش داۋامىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

ئۆگىنىشتە قىممەتلىكى ئىزچىللىقنى ساقلاش، ئۆگىنىشتە چوقۇم ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرساقلا، بىز چوقۇم ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى پۇختا ئىگىلىيەلەيمىز، چوقۇم ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ