شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى باجوۋ شەھىرىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كاسىنە (يەنە كۆكچېچەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جۇخار گۈلى ئائىلىسىدىكى بىر خىل گۈل) نىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. خېبېي ئۆلكىسى باجوۋ شەھىرى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، 10 مىڭ مولۇق زامانىۋى ئورگانىك كاسىنە يېتىشتۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. كاسىنە مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشتىن ھوسۇل ئېلىشقىچە، پۈتۈن مۇساپىدە خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىلمەيدۇ، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلمايدۇ، ئاساسلىقى «زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى» ئەندىزىسى ئارقىلىق ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاللا بازارلىرى ۋە ئالىي مېھمانسارايلىرىغا سېتىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى
1-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى باجوۋ شەھىرىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كاسىنە كەسمەكتە.