خەلق تورى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى (لى نەييەن): بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 21:15تە، 2020-يىللىق U23 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ C گۇرۇپپا مۇسابىقىسى باشلاندى، جۇڭگو كوماندىسى كورېيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا بىر-بىرىنىڭ ۋاراتاسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى، بىراق ئىككىلا كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى، جاڭ يۈنىڭ يارىلىنىپ مۇسابىقىدىن چېكىندى؛ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، كورېيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىرىدا، كورېيە كوماندىسى 0:1 نەتىجىدە جۇڭگو كوماندىسىنى يەڭدى.
ئىككى كوماندىنىڭ ئاساسلىق ماھىر سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەن ۋە مەيدانغا ئالمىشىپ چىققان ماھىرلىرى:
جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى: 12-نومۇرلۇق ماھىر چېن ۋېي؛ 20-نومۇرلۇق ماھىر دىلمۇرات، 5-نومۇرلۇق ماھىر جۇ چېنجيې، 4-نومۇرلۇق ماھىر ۋېي جېن، 15-نومۇرلۇق ماھىر فېڭ بوشۈەن؛ 3-نومۇرلۇق ماھىر خۇاڭ جېڭيۈ، 6-نومۇرلۇق ماھىر خۇاڭ سۇڭ، 8-نومۇرلۇق ماھىر دۈەن ليۇيۈ؛ 11-نومۇرلۇق ماھىر چېن بىنبىن (23-نومۇرلۇق ماھىر چېن پۇ، مۇسابىقە باشلىنىپ 89 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن)، 9-نومۇرلۇق ماھىر جاڭ يۈنىڭ (7-نومۇرلۇق ماھىر ياڭ لىيۈ، مۇسابىقە باشلىنىپ 42 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن)، 10-نومۇرلۇق ماھىر خۇ جىڭخاڭ (13-نومۇرلۇق ماھىر جوۋ جۈنچېن، مۇسابىقە باشلىنىپ 66 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن).
كورېيە دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى: 1-نومۇرلۇق ماھىر سۇڭ فەنگېن؛ 13-نومۇرلۇق ماھىر جىن جېنيې، 4-نومۇرلۇق ماھىر لى شياڭمىن، 12-نومۇرلۇق ماھىر جىن زەييۈ، 3-نومۇرلۇق ماھىر جياڭ يۈنشېڭ؛ 6-نومۇرلۇق ماھىر جىن دۇڭشۈەن، 19-نومۇرلۇق ماھىر مېڭ چېڭشيۇڭ (8-نومۇرلۇق ماھىر جىن جېنگۈي، مۇسابىقە باشلىنىپ 45 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن)؛ 17-نومۇرلۇق ماھىر يەن يۈەنشاڭ (7-نومۇرلۇق ماھىر جېڭ يوۋيىڭ، مۇسابىقە باشلىنىپ 73 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن)، 10-نومۇرلۇق ماھىر لى دۇڭگۇي؛ 14-نومۇرلۇق ماھىر جىن دايۈەن (11-نومۇرلۇق لى دۇڭجۈن، مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشكەن)، 18-نومۇرلۇق ماھىر ۋۇ شىشۈن.