1-ئاينىڭ 7-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ماھىرلىرى قارلىق مەيداندا ئارقان تارتىشىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەشمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو ئەمالار جەمئىيىتى، جىلىن ئۆلكىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئۈستىگە ئالغان مەملىكەتلىك ئەمالار قار-مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھىرىدىكى بېيداخۇ قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. مەملىكەت بويىچە 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر مۇسابىقىگە قاتناشتى. (جاڭ نەن فوتوسى)