2019-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى مەلۇم تارماق ئەترىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى يەسلىسى بىرلىكتە «ئارمىيە بىلەن خەلق قەلبداش بولۇپ، يېڭى يىلنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەيلى» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.
بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن رەسمىي باشلاندى، شوخ رىتىم، زەبەردەس ھەرىكەتلەر پائالىيەتنى باشلىنىشىدىلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
ئارقىدىن، ناخشا-ئۇسسۇل، ئېتۇت، قىزىقارلىق ئويۇنلار ئارقا-ئارقىدىن ئورۇندىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.
بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق خور بىلەن ئاخىرلاشتى، خۇشاللىق ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە داۋام ئەتتى، ئارمىيە بىلەن خەلق بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن بولدى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى