تىيانشان تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى، خاربىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، خاربىن شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «3-نۆۋەتلىك جۇڭگو قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات مۇنبىرى» خاربىندا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇنبەردە، «2020-يىللىق جۇڭگو قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى»، شۇنداقلا 2020-يىللىق قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى 10 كۈچلۈك شەھەر، 2020-يىللىق قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى 10 كۈچلۈك ناھىيە (رايون) قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى «قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى 10 كۈچلۈك شەھەر»گە، ئالتاي شەھىرى «قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى 10 كۈچلۈك ناھىيە (رايون)» قاتارىغا كىردى.
قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى 10 كۈچلۈك شەھەر: خاربىن شەھىرى (خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى)، چاڭچۈن شەھىرى (جىلىن ئۆلكىسى)، جاڭجياكوۋ شەھىرى (خېبېي ئۆلكىسى)، شېنياڭ شەھىرى (لياۋنىڭ ئۆلكىسى)، ئۈرۈمچى شەھىرى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى)، جىلىن شەھىرى (جىلىن ئۆلكىسى)، خۇلۇنبېر شەھىرى (ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى)، مۇدەنجياڭ شەھىرى (خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى)، ئالتاي ۋىلايىتى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى)، يىچۈن شەھىرى (خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى).
قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى 10 كۈچلۈك ناھىيە (رايون): چۇڭلى رايونى (خېبېي ئۆلكىسى)، چاڭبەيشەن مۇھاپىزەت تەرەققىيات رايونى (جىلىن ئۆلكىسى)، خاربىن شىنشىن رايونى (خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى)، يەنچىڭ رايونى (بېيجىڭ شەھىرى)، ياكېشى شەھىرى (ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى)، موخې شەھىرى (خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى)، ئالتاي شەھىرى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى)، شاڭجى شەھىرى (خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى)، ئائېرشەن شەھىرى (ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى)، يەنجى شەھىرى (جىلىن ئۆلكىسى).
ئۈرۈمچى شەھىرى
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى 17-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى ئۈرۈمچى شەھىرى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا رەسمىي باشلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىدا «پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرىدا قار كۆرۈش ئۈرۈمچى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «ساياھەت+قاردىن خۇشاللىق تېپىش+مەدەنىيەت+يېمەكلىك+كۆرگەزمە» باش تېما قىلىنغان 60 نەچچە تۈرلۈك قىشلىق قار-مۇز ساياھىتى 2020-يىلى ئەتىيازغىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئالتاي شەھىرى