تىيانشان تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شۈيموگوۋ رايونى نەنخۇ شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نەنخۇ شىمالىي يولى شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى خەتتاتلارنى تەۋەلىكىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا چاغانلىق چۈنليەن، تەبرىك سۆزى يېزىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللاپ، كۆپچىلىككە قويۇق بايرام ھىدىنى ھېس قىلدۇردى.
65 ياشلىق مەھەللە ئاھالىسى ساۋ خۈييۈن مۇنداق دېدى: ئىشىك ئالدىمىزدىلا خەتتاتلار سوۋغا قىلغان چۈنليەننى قولۇمغا ئېلىپ، بەكلا خۇشال بولدۇم. سودا سارايدىكى چۈنليەن گەرچە چىرايلىق، ئالتۇندەك پارقىراق بولسىمۇ، ئەمما خەتتاتلار ئۆز قولى بىلەن يازغان چۈنليەندەك مەنىلىك ئەمەس، بۇنداق پائالىيەتنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى گاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت كۆپچىلىككە چاغان شادلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىككە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزىمىز.
(ماقالىنى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇن جېنسۇڭ، ۋاڭ شىنرۈي تەمىنلىگەن)