بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى خۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر دىڭ خۇيمىن خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، 4-شى كۆكدالا شەھىرى لۈخۇا شېكەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ شېكەر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى تەرتىپلىك يۈرۈشۈۋاتاتتى. بۇ شىركەت تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلەتكەن بولۇپ، كۈنىگە 3700 توننىدىن ئارتۇق قىزىلچا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.
2019-يىلى، 4-شى كۆكدالا شەھىرى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سېلىنمىنى ئالغا سىلجىتقان بولۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە سانائەت مەھسۇلات قىممىتىدىن 15 مىليارد 910 مىليون يۈەن تاماملانغان بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشقان.
4-شى كۆكدالا شەھىرى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئاي بويىچە تەھلىل قىلىپ ۋە بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، سانائەتتە تۇنجى پەسىلدە «ياخشى باشلاش»، «100 كۈن قاتتىق ئىشلەش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئاي بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان 18 كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى؛ تۈر قۇرۇلۇشىنى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى موتور قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەندۇڭ خوڭدا گۇرۇھىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى، يىلىتې ئېكولوگىيەلىك كەسىپلەر باغچە رايونى تۈرى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتتى؛ سىرتقا چىقىپ سانائەت تۈرى ئۈستىدە 16 قېتىم ئۇدۇللاشتۇرۇش كېڭىشى ئېلىپ بېرىپ، كۆرگەزمە-يىغىندىن پايدىلىنىپ ئىككى قېتىم سودىگەر چاقىردى.