تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قىشلىق بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن مەيدان ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تېخنىكا ماھارىتىدە بىر ئايلىق تەربىيەلەشكە ئىلتىماس قىلدى.
كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تېخنىكا ماھارىتىدە تەربىيەلەش ئاساسلىقى تامچىلىق، تىراكتور رېمونت قىلىش، كەپشەرچىلىك، پار ئورنىتىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش قاتارلىق ئەمەلىي ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئۆي سېلىشقا ئائىت ئاساسىي تېخنىكىلارنى پىششىق ئىگىلىدىم، كېلەر يىلى كەنتنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىگە قاتنىشىمەن، شۇ چاغدا كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىن غەم قىلمايمەن» دېدى نامرات ئاھالە خېلىل زايىت ھاياجانلانغان ھالدا.
«يېڭىمەھەللە كەنتى نامرات كەنت، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى قانداق قىلىپ سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىتىش خىزمەت ئەترىتى ئىزچىل ئويلىشىپ كەلگەن تېما. بىز دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، قىشتىكى ئارىسالدىلىقنى ئالدىراشچىلىققا ئۆزگەرتتۇق، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا بويىچە ھەقىقىي تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدۇق.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى مەخمۇت داۋۇت.
(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)