تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، 2020 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىمىزدا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

«پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، يىلتىز قاياققا سوزۇلسا، ئۇچ تەبىئىي ئەگىشىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىنىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنىپ، بايراق كۆتۈرۈلۈپ نىشان بەلگىلىنىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەندى، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىلغان بولۇپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد خىزمىتى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۈزلىنىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چوڭ ۋەزىيەتتە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

2019 - يىلى، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئاساس سېلىندى.

كېلەر يىلى ئالاھىدە ھەم ئاچقۇچلۇق يىل، ھەم «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا يۈزلىنىمىز، ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا، «ئىككىنچى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ باشلىنىش قەدىمىگە يۈزلىنىمىز، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور. پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىمغا كەلگەندە دولقۇن تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە دىققەتنى ئاساسلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېلەر يىللىق خىزمەتتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پائال، پۇختا بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئالاقىدار خاراكتېرى بېكىتىلگەن، مىقدارى بېكىتىلگەن كۆرسەتكۈچلەرگە سېلىشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قارىتا سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

نىشان ئايدىڭلاشتى، بۇرغا چېلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئالىيجاناب تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ